تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

چۇنليەن يېزىش، رەڭلىك قەغەز قىيما قىيىش، ئويۇن كۆرۈش، باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش يېڭى يىلنى خۇشال-خۇرام كۈتۈۋېلىش

1-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئارتىسلار ئۇسسۇل ئوينىماقتا.

 ليۇ شياۋتيەن فوتوسى

    ئانار بۇلۇت خەۋىرى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 7-شى خۇياڭخې شەھىرىدە «يېڭى دەۋردە كۈرەش قىلىپ، يېڭى مۇساپىنى باشلاش» توردىكى باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكى باش تېما پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇسسۇل، سېرك، شياڭشېڭ، ئېتۇت قاتارلىق سەرخىل مەدەنىيەت نومۇرلىرىدا 7-شى خۇياڭخې شەھىرىنىڭ يېڭى دەۋر يېڭى مۇساپىدە، بەس-بەستە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەممە كەسىپلەر روناق تاپقان كىشىنى خۇشال قىلىدىغان مەنزىرىلەر نامايان قىلىندى.

1-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئارتىسلار ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى ئورۇنلىماقتا.

ليۇ شياۋتيەن فوتوسى

1-ئاينىڭ 22-كۈنى، كورلا شەھىرى ئاھالىسى شىنجاڭ خۇالىڭ (كورلا) بازىرىدا يېڭى گۈللەرنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.

چۆ.خۇرە فوتوسى

    باھار بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، كورلا شەھىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ گۈل-گىياھ بازارلىرىدىكى رەڭگارەڭ يېڭى گۈللەر، تەشتەك مەنزىرىلىرى كۆزنى قاماشتۇرۇپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى كېلىپ سېتىۋېلىشقا، يېڭى يىلدا ئۆيلىرىنى بېزەشكە جەلپ قىلدى. 

1-ئاينىڭ 22-كۈنى، كورلا شەھىرى ئاھالىلىرى شىنجاڭ خۇالىڭ (كورلا) بازىرىدا يېڭى گۈللەرنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.

چۆ.خۇرە فوتوسى

1-ئاينىڭ 26-كۈنى، گۈلچىلىك سەنئىتى ئوقۇتقۇچىسى ئاھالىلەرگە گۈل تىزىش ماھارىتىنى ئۆگەتمەكتە.

لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى

     باھار بايرىمى ھارپىسىدا، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇزېينىڭ سانجى شەھىرى لۈجوۋ يولى كوچا باشقارمىسى بوۋېن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى باھار بايرىمىلىق كەيپىيات يارىتىپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، مۇزېيدىن ئىبارەت بۇ ئۆزگىچە بازىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، «يولۋاستەك تېتىك، جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش» يۈرۈشلۈك تور ۋە تور سىرتى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا قويۇق باھار بايرىمى كەيپىياتىنى ھېس قىلدۇردى.

1-ئاينىڭ 26-كۈنى، قەغەز قىيما ئوقۇتقۇچىسى بالىلارغا قەغەز قىيما قىيىش ماھارىتىنى ئۆگەتمەكتە.

لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى

1-ئاينىڭ 25-كۈنى، سانجى شەھەرلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپتە «باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش چۇنليەن يېزىش بەخت تىلەش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى.

ياڭ بىن فوتوسى

    سانجى شەھەرلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ھۆسنخەت ئوقۇتقۇچىسى ھۆسىنخەت يېزىپ، باھار بايرىمى پۇرىقى قويۇق، بەخت-سائادەت مەنىسىگە ئىگە چۇنليەنلەرنى يېزىپ ئوقۇتقۇچىلارغا تەقدىم قىلىپ، ئۇلارنىڭ باھار بايرىمىنى خۇشال ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى. 

1-ئاينىڭ 25-كۈنى، سانجى شەھەرلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپتە «باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش چۇنليەن يېزىش بەخت تىلەش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى.

ياڭ بىن فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.