تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 4-، 5-يىغىن ئۆتكۈزدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 ـ يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 1 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 4 ـ يىغىن ئۆتكۈزدى.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن ما شىڭرۇي، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، لى شۆجۈن، سارقىت ئاقان، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، سو يۆ، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، مۇتەللىپ روزى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى لايىھەسىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، نىزام لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى؛ يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئۈچ دوكلات توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى؛ يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ھەر تۈرلەر بويىچە ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارار ـ لايىھەلىرىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، قارار لايىھەلىرىنى ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش قارار قىلىندى؛ يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى كۆرسەتكەن نامزاتلار ۋە ۋەكىللەر بىرلىشىپ كۆرسەتكەن نامزاتلارنى كېڭىشىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ھەر تۈردىكى رەسمىي نامزاتلارنى ئومۇمىي يىغىننىڭ سايلىشىغا سۇنۇش بېكىتىلدى، ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار تەركىبىدىكىلەرنىڭ ئىسىملىكى لايىھەسىنى ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش قارار قىلىندى؛ بېلەت نازارەتچىلىرى، باش بېلەت نازارەتچىسى ئىسىملىكى لايىھەسىنى ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 ـ يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 1 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن 5 ـ يىغىن ئۆتكۈزدى.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، لى شۆجۈن، سارقىت ئاقان، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، سو يۆ، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، مۇتەللىپ روزى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايوننىڭ 2021 ـ يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ 2022 ـ يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2021 ـ يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2022 ـ يىللىق خامچوتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى ئالتە قارار لايىھەسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسىنى ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.