تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى 37 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى 37 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، يىغىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى (لايىھە) بىرتۇتاش قاراپ چىقىلدى، قاراپ چىقىش نەتىجىسى دوكلاتى ۋە نىزام (لايىھە)نى ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 4 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى نىزام (لايىھە)نى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، تۈزىتىش پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئەستايىدىل رەتلەش، مۇھاكىمە قىلىپ قاراپ چىقىش ئارقىلىق، ۋەكىللەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى (لايىھە)غا يەنىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، لايىھە (ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش نۇسخىسى)نى شەكىللەندۈرۈپ، يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇندى.

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لى شۆجۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.