تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى داۋاملىق قاراپ چىقتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئومۇمىي يىغىن ۋە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى(لايىھە)، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلارغا قاراپ چىقتى.

ۋەكىل شې ياخۇي مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتنى قۇۋۋەتلەيمەن. ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى(لايىھە)دا شىنجاڭنىڭ خاسلىقى، شىنجاڭنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈنۈپ، ئەمەلىي مەشغۇلاتقا يېتەكچىلىك قىلىش ئەھمىيىتىگە ئىگە بەلگىلىمىلەر سىڭدۈرۈلۈپتۇ، بۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا پايدىلىق. يېزا ئىگىلىك خىزمىتى بىلەن كۆپ يىل شۇغۇللانغان شې ياخۇي مۇنداق بىلدۈردى: ئۇرۇقچىلىق كەسپى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۆزىكى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل، ئۇرۇقچىلىق كەسپىنى گۈللەندۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز ئۇرۇقنىڭ سۈپىتى، مەنبەسىنى قوغداش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئۇرۇقچىلىق كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئەۋزەللىككە ئىگە ئۇرۇقچىلىق كەسپى كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۇرۇقچىلىق كەسپىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىمىز.

ۋەكىل مېھرىگۈل مەمەت مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتتا نەتىجىلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا، ئوبيېكتىپ، ئەتراپلىق خۇلاسىلىنىپتۇ، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش پىكىر يولى روشەن، ئەمەلىيەتچىل، يولغا قويۇشقا بولىدىغان بوپتۇ، بۇ، سىياسىي جەھەتتە يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇلغان، قانۇنچىللىق روھى نامايان قىلىنغان، خەلقنى كۆزلەش ھېسسىياتى يۇغۇرۇلغان ياخشى دوكلات بوپتۇ.

ۋەكىل زۇلپىيە ئىبراھىم مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈملەر قولغا كەلتۈرۈلۈپتۇ، يارقىن نۇقتىلار گەۋدىلىك بوپتۇ، دوكلاتتا بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھى تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ. يېڭى بىر يىلدا، ئىلگىرىكىدەكلا ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل، تولۇق ئادا قىلىپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بۇ يىللىق خىزمەت ۋەزىپەمنى تىرىشىپ ياخشى تاماملايمەن.

ۋەكىل ئەخەت ھۈسىيىن مۇنداق دېدى: ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىمنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش بىلەن ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا كەڭ دائىرىدە قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ دەۋا تەلىپىنى ئىنكاس قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىمەن.

ۋەكىل ما سۇنشيا مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرى ۋە تەپتىش ئورگانلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە زور مىقداردا ئەمەلىي، نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك خىزمەتلەرنى ئىشلەپتۇ. ئىككى مەھكىمە دوكلاتى سانلىق مەلۇماتلار، ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق سۆزلىنىپتۇ، نەتىجىلەرنىڭ خۇلاسىلىنىشى ئوبيېكتىپ، ئەمەلىي بوپتۇ، خىزمەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىشىدا مۇھىم نۇقتا گەۋدىلىك بوپتۇ، بۇ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل، قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغان ئىككى ياخشى دوكلات بولۇپ، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى نامايان قىلىنىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش باش تېمىسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن.

ۋەكىل جۈرئەت مەمتىمىن مۇنداق دېدى: ئىككى مەھكىمە دوكلاتىنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى، مەزمۇنى ئەتراپلىق بوپتۇ. شىنجاڭ سوت مەھكىمىلىرى ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش «N + 1» تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماركا قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ مەنبەلىك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى؛ شىنجاڭ تەپتىش ئورگانلىرى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال مۇلازىمەت قىلىش، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدە «تەپتىش ئالاقىلىشىش ئىشخانىسى» تەسىس قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، قانۇنچىل جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. سوت مەھكىمىسى ۋە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەرتىپنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش، قانۇن يۈرگۈزۈش تەكلىپى ئەۋەتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى سىجىل قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋەكىل رەناخان ئابدۇرېشىت مۇنداق دېدى: ئىككى مەھكىمىنىڭ دوكلاتىدا خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، تىپىك دېلو مىساللىرى ئارقىلىق سۆزلىنىپتۇ، سانلىق مەلۇماتلار تەپسىلىي ۋە ئەمەلىي، تىلى جانلىق بوپتۇ، قانۇن يۈرگۈزۈش سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپتۇ، ئاممىغا قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقى، ئىللىقلىقى ھېس قىلدۇرۇلۇپتۇ. يېڭى بىر يىلدا، ئىككى مەھكىمىنىڭ نىشان - ۋەزىپىسى ئېنىق بولۇپ، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى نامايان قىلىنىپتۇ. بىر مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ كونكرېت دېلو مىساللىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى قانۇن بىلىملىرىنى كۆپرەك ئۆگىنىپ، كىچىكىدىنلا قانۇن ئېڭى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى شەكىللەندۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەيمەن.

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار خېي خۇڭۋېي، ليۇ شياڭ، ۋاڭ نا، لۇ فېڭباۋ، جاڭ شيۇ، چېن چياڭۋېي، جېڭ جو)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.