تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئالاھىدە رولنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

  ما شىڭرۇي شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

  توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئالاھىدە رولنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

  لى يىفېي قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

  1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 1-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى، بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبگە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچنى زورايتىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قوشۇنىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

  قاراپ چىققاندا، ليۇ شىنجيەن، سۇڭ شياۋلىڭ، خوۋ شۈجيې، سۇ شىڭۋاڭ، كۇڭ شىڭلۇڭ قاتارلىق ۋەكىللەر يۇقىرى ساپالىق بىڭتۇەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر قوشۇنى قۇرۇش، مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق سانائەت، يېزا ئىگىلىكى بىر گەۋدىلەشكەن كەسىپ گۇرۇھى بەرپا قىلىش، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنى ئالغا سىلجىتىپ چېگرا رايوننى روناق تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، بىڭتۇەننىڭ ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى. ما شىڭرۇي ھەرقايسى ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلدى.

  ھەرقايسى ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، ما شىڭرۇي بىڭتۇەننىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردىكى مۇھىم رولىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: بىڭتۇەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كۈچ. ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە كۈچەپ، بىڭتۇەننىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، رايونلارنىڭ ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نوپۇس بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق ئالاھىدە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بىڭتۇەننى ھەقىقىي تۈردە چېگرا رايوننى ئەمىن تاپقۇزۇش، چېگرانى مۇستەھكەملەشتىكى مۇقىملاشتۇرغۇچ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى چوڭ پېچ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىلغار مەدەنىيەت بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك؛ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئىسلاھات خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، «ھۆكۈمەت»نىڭ باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى قوبۇل قىلىش، ياخشى يۈرگۈزۈش، «كارخانا»نىڭ بازار سۇبيېكتىلىق ئورنىنى بېكىتىشنى چۆرىدەپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى، ئىجادىي كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۇرغۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىش كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سىياسەت تىرىكىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بىڭتۇەننىڭ تەشكىلىي ئەۋزەللىكى ۋە سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئاساسى فونكسىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك؛ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئورنىنى توغرا تېپىپ، دائىم تۇتۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى، ئۇل ئەسلىھە، ئاممىۋى مۇلازىمەت، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئۆزئارا تۇتىشىشى، ئۆزئارا راۋانلىشىشى، بىر گەۋدىلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك؛ بىڭتۇەننىڭ قىزىل تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خالىس تۆھپە قوشۇش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، يۇقىرى ساپالىق بىڭتۇەن قوشۇنى قۇرۇپ، بىڭتۇەندىكى ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، تېخىمۇ كۆپ كادىر، ئىختىساسلىقلارنى بىڭتۇەنگە بېرىپ خىزمەت قىلىشقا جەلپ قىلىش كېرەك.

  ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر، ھەرقايسى تارماقلار «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ئاساسىدا سىياسەت تىرىكىنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىشىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

  قادېن كەبىن، شۆ بىن، پېڭ جيارۇي، كۇڭ شىڭلۇڭ، شاۋ فېڭ، ليۇ جيەنمىڭ قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. لى شىنمىڭ، مۇتەللىپ مەتتوختى، جاڭ يۇڭ، لۇ شۈپىڭ، جۇڭ بو سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.