تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك

جاڭ چۇنلىن ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئەزالار گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى​

مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چۇنلىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنى ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئەزالار گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان ۋە ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇنداپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

جاڭ چۇنلىن مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى چىڭىتىش كېرەك. 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن ئىدىيەۋى كۈچ، ئېتىقاد كۈچى قوبۇل قىلىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغراق روھىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

جاڭ چۇنلىن مۇنداق تەكىتلىدى: قايتا ئۆگىنىش، قايتا ئۆزلەشتۈرۈش، قايتا چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قايتا يۇقىرى كۆتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، تارىخىي تەپەككۇر، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ھازىر بىلەن كەلگۈسىنىڭ، دۆلەت ئىچى بىلەن خەلقئارانىڭ، ھادىسىدىن تۈزەش بىلەن ماھىيەتتىن تۈزەشنىڭ، پىرىنسىپ بىلەن تاكتىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى ھەقىقىي دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يالقۇنلۇق ئەمەلىيەتنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، پارتىيەنى كۈيلەپ، ۋەتەننى كۈيلەپ، خەلقنى كۈيلەپ، قەھرىمانلارنى كۈيلەپ، شىنجاڭدىكى ئەمگەكچان خەلق، كۈرەشچان خەلق، بەختلىك خەلقنىڭ كۆتۈرەڭگۈ قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

ياڭ يۇڭ قاتارلىقلار مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.