تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز ئىقتىساد ساھەسى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى​

شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىقتىساد ساھەسى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى كۆڭلىگە پۈكۈپ، پائال تۈردە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، ئورتاق تونۇشنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ توپلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئەركىن تۇنىياز ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق بىلدۈردى: 2021 - يىلى پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. بىر يىلدىن بۇيان، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاشنى چۆرىدەپ، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، پائال تۈردە تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: 2022 - يىلى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ، بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ ۋە قوبۇل قىلىپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيدۇ. ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش تەلىپىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانىدا ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2022 - يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى ئومۇمىي تەلىپى، ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما ۋە ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرىدۇ.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق بىلدۈردى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئالاقە دائىرىسى كەڭ، سىغدۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئىختىساسلىقلار توپلاشقان، ئەقلىي كۈچ زىچ توپلانغان، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر - تەكلىپلەر چوڭقۇرلۇققا ئىگە، دائىرىسى كەڭ، قاراتمىلىقى كۈچلۈك. بولۇپمۇ ئىقتىساد ساھەسى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى كەسپىي ئىختىساسلىقلار ۋە سەرخىل تايانچلار، كۆپچىلىكنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەر ۋە ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى نىشانلاپ، ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىپ، خەلققە پايدىلىق ئىشلارنى بېجىرىپ، تەرەققىيات بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشقا چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، دىققەتنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر يولىنى پىلانلاش، بۆسۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك؛ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشقا ئورتاق كۈچەپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن سۇپا ھازىرلاپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقىنى پائال تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش كېرەك؛ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىگە تۈرتكە بولۇشتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش قىلىپ، تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىگە پائال قاتنىشىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ چىن قەلبى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.