تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى داۋاملىق قاراپ چىقتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقتى، پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتىنى تەكشۈردى.

ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى قاراپ چىققاندا كەيپىيات قىزغىن بولدى، ۋەكىللەر بەس - بەستە سۆز قىلىپ، تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى، تەرەققىياتنى مۇھاكىمە قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، خىزمەتلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا خۇلاسىلىنىپ، مەسىلىلەر دەل جايىدا، چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، خىزمەت تەدبىرلىرى كۈچلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ، بۇ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولغان، كىشى قەلبىنى روھلاندۇرىدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ.

«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، كارخانىمىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ناھايىتى ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتى.» ۋەكىل جاڭ گوخۇا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن تۇرۇشلۇق شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كۆلىمى سىجىل كېڭەيدى، بازار رىقابەت كۈچى تېخىمۇ كۈچەيدى، ئەمما ئالىي مەلۇماتقا، مول بىلىمگە، ئىلغار تېخنىكىغا ئىگە كەسپىي ئىختىساسلىقلارنىڭ سانى تەرەققىيات بىلەن ماس كەلمەي قالدى. ئىشىنىمىزكى، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئالغا سىلجىتىلىشى، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ جەزمەن تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى توپلايدۇ.

ۋەكىل سالايىدىن مەمەت مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە 1 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تەربىيەلەشنى تاماملاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «بۇ يىل، بىز دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇش يۇغۇرۇلغان، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلاشقان تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى تۇتقا قىلىپ، كەسىپ تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى <زاكازلىق> يېتىشتۈرىمىز».

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ۋەكىل جېڭ لېي ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەسئۇلىيىتىنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «سۇلۇق يەرنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، سۇلۇق يەر ئەتراپىدىكى ئاممىنىڭ يېزا - كەنت ساياھەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەنزىرە ئارقىلىق كەنتنى يېتەكلەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى ھەقىقىي تۈردە ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىدىغان بايلىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك».

ۋەكىل جېڭىس قادىس مۇنداق دېدى: ئالتاي ۋىلايىتى دىققەتنى جۇڭگو (چاڭبەيشەن تاغ تىزمىسى − ئالتاي تاغ تىزمىسى) قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى سىناق رايونىنى بەرپا قىلىش ئورنىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچلۈك دۆلەت ئىچى قار - مۇز بازىرىغا تايىنىپ، «سوغۇق بايلىق»نى «ئىسسىق كەسىپ»كە ئايلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئۈچۈن ئىستېمالنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ يېڭى قىزىق نۇقتىسىنى يارىتىپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ۋەكىل باتۇر مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋەزىپە - تەلەپلەرنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشنى تېزلىتىپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە ۋە ئەۋزەل ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ، «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى ياخشى ئىشلەش، كەسىپ تۈرلىرىنى تۇتۇشنى كۈچەيتىش، تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، شەھەر - يېزا تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، دوكلاتتا بېكىتىلگەن نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بايىنغولىن ئوبلاستى خاسلىقىغا ئىگە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك.

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاساسىي قاتلام مائارىپ سېپىدە ئۇزاق مۇددەت جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلغان ۋەكىل باقىت بەيسەنبېك چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سالمىقىنى زورايتتى، ئاممىنىڭ رازى بولۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت مۇقەددەس بۇرچنى داۋاملىق زىممىمىزگە ئېلىپ، مۇنبەردە يىلتىز تارتىپ، تىرىشىپ ئەجىر قىلىپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ياخشى يول باشلىغۇچى بولىمىز.

ۋەكىل ئەخەت ئابدۇل مۇنداق دېدى: مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلا تېخىمۇ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ، ئوقۇتقۇچىلار كۈچىنى ئۆستۈرۈش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا جەلپ قىلىپ، ئۇلارنى تۇرۇپ قالالايدىغان، ئوقۇتقۇچىلىقنى ياخشى قىلالايدىغان قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ھەربىر بالىنى ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش تەكلىپى بېرىمەن.

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار لۇ فېڭباۋ، پەرىزات ئابدۇل، ليۇ شياڭ، خېي خۇڭۋېي، ۋاڭ نا، لى شياڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.