تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىدا 727 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يۈنمېي، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنى تەكلىپ كومىتېتى 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات(لايىھە) ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار(لايىھە)نى قاراپ چىقتى. 2022 - يىلى 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى سائەت 12گىچە، يىغىن جەمئىي 727 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋالدى.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق 727 پارچە تەكلىپ ئىچىدىن 633 پارچىسى تەكلىپ قىلىپ تۇرغۇزۇلدى، 45 پارچىسى پىكىر ۋە تەۋسىيەگە ئۆزگەرتىلدى. تۇرغۇزۇلغان تەكلىپ ئىچىدە ئەزالار تەكلىپى 474 پارچە بولۇپ، %74.9نى ئىگىلەيدۇ؛ كوللېكتىپ تەكلىپ 159 پارچە بولۇپ، %25.1نى ئىگىلەيدۇ.

تۇرغۇزۇلغان تەكلىپلەر ئىچىدە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش تۈرىدىكى تەكلىپ 266 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %42.0ىنى ئىگىلەيدۇ؛ سىياسىي قۇرۇلۇش تۈرىدىكى تەكلىپ 49 پارچە بولۇپ، %7.7نى ئىگىلەيدۇ؛ جەمئىيەت قۇرۇلۇشى تۈرىدىكى تەكلىپ 214 پارچە بولۇپ، %33.8نى ئىگىلەيدۇ؛ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى تۈرىدىكى تەكلىپ 68 پارچە بولۇپ، %10.8نى ئىگىلەيدۇ؛ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى تۈرىدىكى تەكلىپ 36 پارچە بولۇپ، %5.7نى ئىگىلەيدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، يىغىن يېپىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، بۇ قېتىمقى يىغىن مەزگىلىدە تۇرغۇزۇلغان تەكلىپلەرنى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تەكلىپ تاپشۇرۇش ۋاقتى توختىتىلغاندىن كېيىن تاپشۇرۇۋېلىنغان تەكلىپلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ تەكلىپ قىلىپ تۇرغۇزىدىكەن ھەم ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.