تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئىككى مەھكىمىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلدى، تۈرلۈك قارار ۋە دوكلات، لايىھەلەرنى قاراپ چىقتى.

ئەزالار مۇنداق قارىدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇردى. ئىككى دوكلاتتا نەتىجىلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئاساسىدا خۇلاسىلەنگەن، سوت، تەپتىشتىن ئىبارەت ئىككى مەھكىمىنىڭ فۇنكسىيەسىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەمەلىي ئىش قىلىش مەسئۇلىيەتچانلىقى تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ؛ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىدا مەۋقە ئەمەلىيەتكە قويۇلغان، يۈكسەكلىكى يۇقىرى، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسى، يېڭى تەلىپىگە ئۇيغۇن.

ئەزا ئابلەت مەخسۇت مۇنداق دېدى: ئىككى مەھكىمە دوكلاتىدىكى بىر گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، نۇرغۇن جانلىق، جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى يۇقىرى بولغان دېلو مىساللىرى ئارقىلىق خىزمەتلەرنى شەرھلەپ، خەلق ئاممىسىنى ئىككى مەھكىمە خىزمىتى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە قىپتۇ، شۇنداقلا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپتۇ. دوكلاتتا دىققەت جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا، توسۇق نۇقتا، ئاغرىش نۇقتىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئامما نېمىگە كۆڭۈل بۆلسە شۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇلغان، ئامما نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىنغان، ئامما نېمىنى ئارزۇ قىلسا شۇ ئالغا سىلجىتىلغان بولۇپ، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش كۈچەيتىلگەن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى كۈچەيتىلگەن.

ئەزا جاۋ چۇەن مۇنداق قارىدى: ئىككى مەھكىمە دوكلاتىدىكى مەزمۇنلار تەپسىلىي، ئېنىق، تەرتىپى روشەن، نىشان ئايدىڭ، ئىخچام، مەزمۇنلۇق. ئىككى مەھكىمىنىڭ ئامما ئىنكاس قىلغان قانۇنغا ئاساسلانماسلىق، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلماسلىق، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى سۈرۈشتە قىلماسلىقتىن ئىبارەت گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ پىلانلاپ ۋە ھەل قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش، دېلو بېجىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا سۇن جىجۈن مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ئىككى مەھكىمە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى كۈچلۈك قوغداپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «ئاخىرقى ھۆكۈم» (ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ ئىجرا قىلغۇدەك مال - مۈلكى ھەقىقەتەن بولمىغاچقا دېلونى ۋاقتىنچە ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىر) چىقىرىلغان دېلولارنى ئىجرا قىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىجرا قىلىش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

«2021 - يىلى ئىككى مەھكىمىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق، تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىپ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى دوكلاتتا تولۇق نامايان قىلىنىش بىلەن بىللە، تۇرمۇشتىمۇ ھەممىگە ئايدىڭ.» ئەزا جاڭ باۋجۇڭ مۇنداق دېدى: يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا يەنىلا نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىنچىكە نۇقتىدىن كۆزلەپ، دەل جايىدا قول سېلىشقا توغرا كېلىدۇ، قانۇننى خەلق ئۈچۈن ئىجرا قىلىش داۋامىدا سالماقنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچەپ، ھوقۇق - مەسئۇلىيەتنى ئېنىق قىلىش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق مۇرەسسەسىنى كۈچەيتىپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى ئاساسىي قاتلامدا تۈگىتىپ، قانۇن ئېڭى ۋە قانۇنچىللىق قارىشىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈش كېرەك.

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار لى ياڭ، سۈي يۈنيەن، لى شىڭ، جاڭ جىلى، جاۋ شىيا)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.