ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلارنى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يوقلىدى ھەم مۇزاكىرىگە قاتنىشىپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.
جاڭ جۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر بىر نىيەتتە ئويلايدىغان، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپرەك دانا پىكىر بېرىپ، كۆپرەك ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىش، پۈتكۈل جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى چۆرىدەپ تەكلىپ بېرىپ، سىياسىي مەسلىھەت بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى چۆرىدەپ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
تيەن شياڭلى تېببىي دورا - سەھىيە ساھەسى، تەنتەربىيە ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ساھەسىدىكى ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بولۇپمۇ مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەلىرىدە، سېلىنما سىجىل ئاشۇرۇلۇپ، خەلق تۇرمۇشى ئۆتكەن بىر يىلدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. بۇ يەردە ئولتۇرغان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردىن كەلگەن، كۆپچىلىكنىڭ سۆز قىلغاندا مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، قىلچە يوشۇرماي ئېيتىپ، مەسىلىنى يۆنىلىش قىلىپ، ئاممىنىڭ دەۋا تەلىپى، كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجى شۇنداقلا كەلگۈسى تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك پىكىر - تەكلىپلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يىغىندىن كېيىن، كۆپچىلىك ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە ماھىر بولۇپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇشى كېرەك.
چېن ۋېيجۈن ئىقتىساد ساھەسى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە سۆز قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى رېئال ئەھۋال ۋە كونكرېت مەسىلىلەرنى تولۇق، ئوبيېكتىپ ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. يېڭى ۋەزىيەتتە، ھەرقايسى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەۋقەنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە قويۇپ، دىققەتنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى پۇختا ئادا قىلىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ياخشى باشلىنىشىغا كۈچ قوشۇپ، ئاپتونوم رايون ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك. سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
يۈسۈپجان مەمەت مەدەنىيەت - سەنئەت ساھەسى، ئاخبارات - نەشرىيات ساھەسى، چياۋمىنلار بىرلەشمىسى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى، تاشقى دوستلۇق ساھەسىدىكى ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى كۆڭلىگە پۈكۈپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشەنچنى چىڭىتىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى قەتئىي بوشاشماي كۈچەيتىپ، تېخىمۇ پائال، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئېلزات ئەخمەتجان باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ياشلار بىرلەشمىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە سۆز قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىيۋىلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ جېنى، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتىنىڭ سىياسىيۋىلىكىنى ساقلاش ۋە كۈچەيتىشتە، ئاچقۇقلۇقى ئاممىۋى تەشكىلاتلار جەزمەن ئاڭلىق ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەشتىن ئىبارەت سىياسىي ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئىشقا سېلىشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئىشقا سېلىپ، ھەممە بىر نىيەتتە پارتىيەگە ئەگىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.
(مۇخبىرىمىز جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار مېھرىگۈل غوپۇر، فەن چيۇڭيەن، ما يىنىڭ، گو لىڭ، ۋاڭ جىڭجىڭ)