□خوۋ خۇي
ئاپتونوم رايونلۇق «ئىككى يىغىن» ئېچىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، شىنجاڭ مەمۇرىيەت مۇلازىمەت ساغلاملىق كودى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىنى قاپلىدى. بۇ ساغلاملىق كودىنىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشىدىكى سەۋەب، بۇنىڭ شىنجاڭ ئوتتۇرىغا چىقارغان تۇنجى «بىر كود بىلەن پۈتۈن شىنجاڭدا راۋان يۈرۈش» ساغلاملىق كودى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. بۇ ھەم خەلق رايىنىڭ مايىللىقىنى، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.
يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، ساغلاملىق كودى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالدى. «بىر كود بىلەن راۋان يۈرۈش» ساغلاملىق كودىنىڭ ئۇچۇر ئېقىمىنىڭ ئىستېرېئولۇق بولۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشقا ماس كەلگەن - كەلمىگەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم. بۇنىڭدىن بۇرۇن، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «كود كۆپ بولۇش» «ئۆزئارا ئېتىراپ قىلماسلىق» ئەھۋاللىرى دائىم ئۇچراپ تۇراتتى. خىلمۇخىل ساغلاملىق كودلىرى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا نۇرغۇن قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەنىدى. بۇ قېتىم تەرتىپنى ساقلاش بىلەن ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرۇش، قاتتىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئاممىغا قولايلىق يارىتىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، شىنجاڭ ئادەملەر كەڭ كۆلەمدە يۆتكىلىدىغان باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە «بىر كود بىلەن راۋان يۈرۈش» ساغلاملىق كودىنى يولغا قويۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ساغلاملىق كودىنى ئىشلىتىشتە كۆرۈلگەن «تەكرار ئاۋارە قىلىش»تىن ئىبارەت توسۇق نۇقتىنى ھەقىقىي راۋانلاشتۇردى. تەكرار ئىش قىلماسلىق، ئاۋارە قىلماسلىق، بىر تۈر پىشىپ يېتىلسە، بىر تۈرنى كېڭەيتىش دەل رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مىزان.
«بىر كود بىلەن راۋان يۈرۈش» ساغلاملىق كودى گەرچە رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدا بېسىلغان كىچىك بىر قەدەم بولسىمۇ، لېكىن بىز بۇنىڭدىن شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدىكى ئىدىيەۋى قارىشىنىڭ ئازاد بولغانلىقى ۋە ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆردۇق، بۇ دەل رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتا بېسىلغان بىر چوڭ قەدەم. بۇنىڭدىن سىرت، ساغلاملىق كودى «كود كۆپ بولۇش»تىن «بىر كود بىلەن راۋان يۈرۈش»كىچە مۇلازىمەت دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ بولدى، ئۇچۇر مەزمۇنى تېخىمۇ كۆپ بولدى، شۇڭا كۆپ جايلار، كۆپ تارماقلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى يەنىمۇ دەل جايىدا ئىستاتىستىكا قىلىشى، چوڭقۇر ماسلىشىپ ئورتاق بەھرىلىنىشىگە توغرا كېلىدۇ، بۇ قارىماققا تېخنىكىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندەك كۆرۈنسىمۇ، ماھىيەتتە رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ئىقتىدارىنىڭ ئۆسكەنلىكىدۇر.
ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا بۇ يىللىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغاندا، «رەقەملىك ھۆكۈمەت» قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «ئاممىنى يول ماڭدۇرۇش»نىڭ ئورنىغا «سانلىق مەلۇماتنى ئىشقا سېلىش»نى دەسسىتىش، «بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش» «ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىش» «باشقا جايدا بېجىرگىلى بولۇش، رايون ئىچىدە بىرتۇتاش بېجىرىش» «بىر ئىشنى بىرلا قېتىمدا بېجىرىش»... بىر قاتار تەلەپلەردىن بىز شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتىكى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۆرۈپ يەتتۇق.
بۇ قېتىمقى «بىر كود بىلەن راۋان يۈرۈش» ئېنىقكى، شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتقانلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە نۇرغۇن ئىنتايىن تەخىرسىز ئىشنى ھۆكۈمەتنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يول.