تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قانۇنچىللىقنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ۋەكىل پەرىدە مۇختاقان تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا سۆز قىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: قانۇندا ھوقۇق بېرىلمىگەننى قىلماسلىق، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى چوقۇم ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چەك - چېگرا ئېڭى، تەرتىپ قارىشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرىپى، پۈتۈن جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

قانۇنچىللىق دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ مۇھىم تايانچى. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىدە تەڭداشسىز مۇھىم رولغا ئىگە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ۋەكىللەر، ئەزالار شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى پائال چۆرىدەپ، تونۇشىنى سۆزلىدى، ياخشى چارىلەرنى كۆرسەتتى.

قانۇنچىللىق ئارقىلىق بەخت ئاساسى رېڭىنى سىزىش

دۆلەت سىياسەت يۈرگۈزۈشتە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا بېقىشى كېرەك. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ۋاراقلىغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋاڭ شياۋلۇڭدا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى «خەلق» دېگەن سۆز بولدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ كەڭ، ئەڭ چوڭقۇر ئاساسى خەلق بولۇپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ ياخشى - ياخشى ئەمەسلىكىگە خەلق باھا بېرىشى كېرەك.

ۋەكىل ۋاڭ شياۋلۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال - مۈلۈك ھوقۇقى، كىشىلىك قەدىر - قىممەت ھوقۇقى، ئاساسىي سىياسىي ھوقۇق مەنپەئىتى قاتارلىق تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىنىڭ دەخلى - تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

قانۇندا ھوقۇق بېرىلمىگەننى قىلماسلىق، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى چوقۇم ئادا قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئوسمان گۈلى مۇنداق دېدى: قانۇنچىل ھۆكۈمەت دېگەن نېمە؟ تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا بۇ، ھۆكۈمەتتىن قانۇنچىللىق يولىدا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىزىگە سولاپ، رولى ۋە ئورنىنى توغرا تېپىپ، خەلقنىڭ ياخشى خىزمەتكارى بولۇشى كېرەك. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ياخشى بولغان بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ، ئەڭ زور چەكتە ئىسكەنجىنى ئازايتىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، كارخانىچىلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئىگىلىك تىكلەش، خاتىرجەم مەبلەغ سېلىش، خاتىرجەم تىجارەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

قانۇنچىللىق ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، كىشىلەر قەلبىگە سىڭىش

شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش قانۇنچىللىق تەشۋىقات - تەربىيەسىدىن ئايرىلالمايدۇ.

«مەن ئاساسىي قاتلامدا قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى بىلەن شۇغۇللانغىلى 15 يىل بولدى.» ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى گاۋ خۇيلىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئاساسىي قاتلامدا قانۇن مۇلازىمىتى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولۇپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى.

«قانۇنچىللىق تەشۋىقات - تەربىيەسى ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇنچىللىق جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى ۋە ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر ھالقا. قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى پۇقرالارغا ياقىدىغان بولۇشى كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ، قانۇن ماددىلىرىدا نېمە يېزىلغان بولسا شۇنى ئوقۇپ بېرىشكىلا بولمايدۇ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ھەقىقىي دېلو مىساللىرىدىن پايدىلىنىپ، دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش، ئامما ياقتۇرىدىغان، ئاسان قوبۇل قىلىدىغان شەكىل بىلەن تەشۋىقات - تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشنى ئۆگىنىپ، ئاممىنى چۈشىنەلەيدىغان، ئەستە ساقلىيالايدىغان قىلىش كېرەك» دېدى ئەزا گاۋ خۇيلىڭ.

بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى كېرەك. گاۋ خۇيلىڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەربىيەلەش، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇنچىللىق نەزەرىيە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان، قانۇننى ئۆگىنىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، قانۇندىن پايدىلىنىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، قانۇنچىللىق ئېتىقادىنى خەلقنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئورتاق تونۇشنى ئەڭ زور چەكتە مۇجەسسەملەپ، كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈرۈش كېرەك.

«دۆلەت ئورگانلىرى ھەم قانۇن تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش سۇبيېكتى، شۇنداقلا قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش مۇھىم ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالغان. قانۇن ئىجرا قىلىش بىلەن قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشنى قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانى، ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، قانۇنچىللىق تەشۋىقات - تەربىيەسىنى ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتىشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، ئامما ئارىسىدا كۆپ خىل شەكىلدىكى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەشۋىقاتىنىڭ قاپلاش دائىرىسى ۋە تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش كېرەك.» ۋەكىل ۋاڭ شياۋلۇڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈندىلىك باھالاشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملار، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار قاتارلىقلارغا قارىتا، قاراتمىلىقى بولغان، مىقدارلاشتۇرغىلى بولىدىغان قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى پائال، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

قانۇنچىللىق ئارقىلىق ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش

قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش جەمئىيەتتىكى ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇداپىئە لىنىيەسى. ۋەكىل ئوسمان گۈلى مۇنداق قارىدى: قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

«قانۇن يۈرگۈزۈش ئادىل بولمىسا، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى ئاسانلا زىيانغا ئۇچرايدۇ، باشتىن - ئاخىر ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى يادرولۇق قىممەت ئىنتىلىشى قىلىپ، پاكىت ئۆتكىلى، دەلىل - ئىسپات ئۆتكىلى، تەرتىپ ئۆتكىلى، قانۇننى تەتبىقلاش ئۆتكىلىنى ھەقىقىي ياخشى ئىگىلەپ، ھەربىر دېلونى <چوڭ ئىش>دەپ قاراپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى بېجىرىپ، ئايرىم دېلولاردىكى ئادىللىق بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئادىللىقنىڭ بىرلىكىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. <قىلچە يول قويماسلىق> پوزىتسىيەسى بىلەن ئامما ئىنكاس قىلغان قانۇنغا ئاساسلانماسلىق، قانۇن ئىجراسى قاتتىق بولماسلىق، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى سۈرۈشتە قىلماسلىقتەك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك» دېدى ۋەكىل ئوسمان گۈلى.

دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا خەلقنى خاتىرجەم قىلىشتىنمۇ مۇھىم ئىش يوق؛ خەلقنى خاتىرجەم قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتا خەلقنىڭ ھالىغا يېتىش. ئەزا گاۋ خۇيلىڭ يىل بويى ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن ئالاقە قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشقا قارىتا چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاممىنىڭ مەنپەئىتىدە كىچىك ئىش يوق، قانۇننىڭ زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشتىكى نوپۇزلۇق ئورنىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى، دەۋا تەلىپىگە كۆڭۈل قويۇپ قۇلاق سېلىپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، قانۇنچىللىقنىڭ يېتەكلەش، قېلىپلاشتۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە زىددىيەتلەرنى ئىچكى قىسىمدا، بىخ ھالىتىدە ۋە ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىپ، ئاممىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.