تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5- يىغىنى 2-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

  ​ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى​

  شەۋكەت ئىمىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى​

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى، يىغىننىڭ سايلام ۋە ئاۋازغا قويۇش چارىسى ئاۋازغا قويۇلدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن 2 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى، يىغىننىڭ سايلام ۋە ئاۋازغا قويۇش چارىسىنى ئاۋازغا قويدى.

  ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى شۆجۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ئىجرائىيە رەئىسلىرى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

  يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 546 كىشى، قاتناشقانلار 495 كىشى بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق شانلىق مۇساپىسىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى چىڭ كۆزلەپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆز قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى پۈتۈن يىللىق خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئون نىزامىنى تۈزدى، تۈزىتىش كىرگۈزدى، بېكىتمە، قاراردىن تۆتنى چىقاردى، رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ 19 نىزامىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىدى، 19 دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى، قاراپ چىقتى، ئالتە قېتىم قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، ئۈچ قېتىم مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراش، 14 قېتىم مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى، دۆلەت ئورگىنىدىكى خىزمەتچى خادىملاردىن 604 ئادەم قېتىمنى قانۇن بويىچە ۋەزىپىگە تەيىنلىدى، ۋەزىپىدىن قالدۇردى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. 2022 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى تۈپ نېگىز، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنى بۇرچ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ توغرىلىقى، نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ سىجىللىقى، ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ ھارارىتى، ئۆز قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى مۇستەھكەم تۈزۈم كاپالىتى ۋە قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى باھارگۈل سەمەت ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەرگەندە مۇنداق دېدى: 2021 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرى شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، بۇرچنى يەردە قويماي، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا پۇختا قەدەم تاشلىدى. بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى يۈكسەكلىك بىلەن سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، تېخىمۇ زور نەتىجىلەر بىلەن ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق قانۇن يۈرگۈزۈش ئادىللىقىنى قوغداپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن قانۇن يۈرگۈزۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ بىلەن قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇننى تاۋلاپ چىقىپ، يېڭى دەۋردىكى سوت مەھكىمىلىرى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى لى يۇڭجۈن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەرگەندە مۇنداق دېدى: 2021 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەپتىش ئورگانلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جىنايى ئىشلار، ھەق تەلەپ، مەمۇرىيەت، ئاممىۋى پاراۋانلىق دەۋاسىدىن ئىبارەت «تۆت چوڭ تەپتىش خىزمىتى» فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە تولۇق ئادا قىلىپ، تەپتىش خىزمىتىدە يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەپتىش ئورگانلىرى شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى تەپتىش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە، پۈتۈن جەريانىدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «خەلق رازى» بولۇش ئۆلچىمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەۋقەنى تەپتىش مەركىزىي خىزمىتىگە قويۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىشتا تېخىمۇ قەتئىي بولۇپ، قانۇنچىللىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تەپتىش قىلىش، نازارەت قىلىشنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈشتە قەلبلەرنى تېخىمۇ ئىللىتىپ، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى قاتتىق تۇتۇپ، ساپا، ئىقتىدار جەھەتتە تېخىمۇ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتۈپ، شىنجاڭنىڭ تەپتىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تىنچ - ئامان شىنجاڭ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىنىڭ سايلام ۋە ئاۋازغا قويۇش چارىسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.