تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 20 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ 2 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يۈنمېي، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 20 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ 2 - ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، كادىرلارغا ئالاقىدار ئىشلار(لايىھە) ماقۇللاندى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى(لايىھە) ماقۇللاندى، باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى(لايىھە) ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى(لايىھە)، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى(لايىھە)، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى(لايىھە)، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى(لايىھە) ماقۇللاندى، يۇقىرىقى ھۆججەت لايىھەسىنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنى يېپىلىش يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

يىغىندىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى، بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان ئالاقىدار ھۆججەت لايىھەلىرىنى قاراپ چىقتى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن پېڭ جيارۇي، جۈرئەت ئىمىن، مۇتەللىپ ئوبۇل، كۇڭ شىڭلۇڭ، دوۋ ۋەنگۇي، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، نۇرۇم ئىسمايىلقان، دىلشات قىدىرقان، ئېزىز مۇسا، باش كاتىپ گاۋ جياڭخۇەي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.