تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى خەلق قۇرۇلتىيى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، زۇمرەت ئوبۇل، يۈسۈپجان مەمەت قاتارلىقلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

جاڭ جۇ خوتەن ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا نەتىجىلەر ئوبيېكتىپ، ئەتراپلىق، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا خۇلاسىلىنىپتۇ، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلىك، تەدبىرلەر كۈچلۈك بوپتۇ، بۇ، مەركەزنىڭ روھى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كەلگەن، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلاشقان ياخشى دوكلات بوپتۇ، شۇنداقلا راستچىل - ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، دوكلاتتا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەلىپى نامايان قىلىنىپتۇ، مەن بۇ دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە، بىز «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، خىزمەت ئىستىلى ۋە شەكلى، ئۇسۇلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

تيەن شياڭلى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: دوكلاتتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپتۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپتۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، 2021 - يىللىق خىزمەت ئەھۋالى ئەسلەپ ئۆتۈلۈپتۇ ھەم يېڭى بىر يىللىق خىزمەتلەر پىلانلىنىپتۇ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن جەريانى ۋە ھەرقايسى ساھەلىرىدە قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، بۇ، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. بىز پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە ماھىر بولۇپ، نىشان ۋە مەسىلىنى يېتەكچى قىلىپ، دوكلاتتا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى نازارەت قىلىشنىڭ ئىجرانى كاپالەتلەندۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش رولىنى قاتتىق، ئەمەلىي جارى قىلدۇرۇپ، كۈچلۈك سىياسىي نازارەتچىلىك ئارقىلىق «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

چېن ۋېيجۈن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: دوكلاتتا نەتىجىلەر ئەتراپلىق، ئوبيېكتىپ خۇلاسىلىنىپتۇ، مەسىلىلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا تەھلىل قىلىنىپتۇ، خىزمەتلەر كونكرېت، ئەمەلىي ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ، بۇ، پىلان تۈزۈلگەن، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ياخشى دوكلات، ئىشەنچنى كۈچەيتىدىغان، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. دوكلاتتا «يېڭى ئىدىيە» ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، «يېڭى پىلان» تۈزۈلۈپتۇ، «يېڭى ئورۇنلاشتۇرما» قىلىنىپتۇ، «يېڭى تەلەپ» ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، ئىستراتېگىيە جەھەتتە تېخىمۇ تەشەببۇسكار، تاكتىكا جەھەتتە تېخىمۇ دەل جايىدا بوپتۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە، مەۋقەنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە قويۇپ، تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەتقىق قىلىپ، پىلانلاپ، ئەۋزەللىكنى نامايان قىلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش، تىرەكنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش، ئومۇمىي مىقدارنى زورايتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش، ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. قەتئىي، كەسكىن تۈردە «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنى يۇغۇرۇش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، رايون ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىكىنى ئۆستۈرۈپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنى كېڭەيتىپ، شەھەر - يېزا تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل قومۇل شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: دوكلاتنىڭ يۈكسەكلىكى يۇقىرى، ئوبيېكتىپ، ئەمەلىي، پىكىر يولى روشەن، نىشانى ئېنىق بولۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. دوكلاتقا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپتۇ، نەتىجىلەر ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا خۇلاسىلىنىپتۇ، بۇ يىللىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلىك، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئاساستا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. قومۇل شەھىرى ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن خىزمەتلەرگە قاراپ چىقىپ ۋە ئۇنى پىلانلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورۇن بەلگىلەش تەلىپىنى نىشانلاپ، تەرەققىيات ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىشى كېرەك. تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ئېلېكتىر، زامانىۋى كۆمۈر - خىمىيە سانائىتى، كەسىپلەر توپى تەرەققىياتى جەھەتتە باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، «بۆسۈش» روھى، «يېڭىلىق يارىتىش» غەيرىتى، «ئىشلەش» ئىستىلى بىلەن ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

يۈسۈپجان مەمەت ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: دوكلاتنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى بولۇپ، نەتىجىلەر ئەمەلىي خۇلاسىلىنىپتۇ، نىشان - تەلەپلەر يېڭى، يول - تەدبىرلەر ئېنىق بوپتۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2022 - يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل پىلانى سۈرەتلەپ بېرىلىپتۇ، بۇ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولغان، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. 2022 - يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈش، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇش، خەلق رايى، خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، نىشان - ۋەزىپىلەرنى بېكىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، خەلقنى مەركەز قىلىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئون جەھەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ياخشى تاماملاش كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار لۇ فېڭباۋ، خېي خۇڭۋېي، كاڭ خاۋيەن، جاڭ شيۇ، جېڭ جو)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.