تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، جاسارەت بىلەن يېڭى نەتىجە يارىتايلى

− ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن خاتىرە

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇپ، تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، يەلكەن چىقىرىپ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كېرەك.

1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سەھەردە، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر مەردانە قەدەم تاشلاپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ، يۈكسەك جاسارەت بىلەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەردانە، مەزمۇت قەدەم تاشلاپ شىنجاڭ خەلق سارىيىغا كىردى.

يىغىن مەيدانىنىڭ كەيپىياتى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك ئىدى، رەئىس سەھنىسىنىڭ ئارقا پەردىسىنىڭ ئوتتۇرىغا دۆلەت گېربى ئېگىز ئېسىلغان بولۇپ، چاقناپ تۇرىدىغان قىپقىزىل بايراقلار ئىككى تەرەپكە قاتار تىزىلغانىدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا يىغىن باشلاندى. ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە، ھەممە ۋەكىل ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى بىرلىكتە ئوقۇدى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلىش ئورنىغا بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى، بىر يىلدىن بۇيانقى تەجرىبىلەر، نەتىجىلەرنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، 2022 - يىللىق ئۇلۇغۋار پىلاننى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىدى.

يىغىن مەيدانىدا پات - پات ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى، بۇ ئالقىش سادالىرى خەلق رايىنىڭ دوكلاتقا قايتۇرغان ئىنكاسى، خەلقنىڭ ئارزۇسى بىلەن ئۇلۇغۋار پىلاننىڭ بىرلىشىپ گىرەلىشىشى.

2021 - يىلى، مۇرەككەپ، كەسكىن دۆلەت ئىچى - سىرتى مۇھىتىدا، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى. پۈتۈن يىللىق رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 600 مىليارد يۈەن بولۇپ، %7 ئاشتى، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەردە پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپە نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىلىپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ناھايىتى ئەمەلىي، ناھايىتى روھنى ئۇرغۇتىدىغان، ناھايىتى ئىللىق بوپتۇ.» ۋەكىل جېڭ لېي مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ھەم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى نامايان قىلىنىپتۇ، ھەم شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كەپتۇ، خىزمەتلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا خۇلاسىلىنىپتۇ، خىزمەتلەر ئىلمىي، ئېنىق پىلانلىنىپتۇ، ۋەزىپىلەر راستچىل - ئەمەلىيەتچىل ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ، بۇ، سىياسىي يۈكسەكلىككە، پىلانلاش چوڭقۇرلۇقىغا، خىزمەت سالمىقىغا، خەلق تۇرمۇشى ئىللىقلىقىغا ئىگە ياخشى دوكلات بوپتۇ.

«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇلۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلىپ، خەلق تۇرمۇشى تىرىشىپ ياخشىلىنىپ، خەلقنى سۆيۈش، خەلقنى كۆزلەش، خەلقنى بېيىتىشتىن ئىبارەت خەلق تۇرمۇشى ھېسسىياتى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى نامايان قىلىنىپتۇ» دېدى ۋەكىل گۈلسىمار كىبىر.

2022 - يىلى شىنجاڭ قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا مەردانە قەدەم تاشلايدىغان مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان يىل، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلىدىغان ئاچقۇچلۇق يىل. بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش تەكشى، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت ئاسايىشلىققا، خەلق بەخت - سائادەتكە تولغان ئىجتىمائىي مۇھىت، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى ساقلاشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق تەسىرگە ئىگە.

«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلان كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەدبىرلەر كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ.» ۋەكىل پەن رۇي مۇنداق دېدى: مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان ساھەدىكى خىزمەتلەرنى تۈرمۇتۈر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىش تۈرلىرىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش كېرەك.

«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا 2022 - يىللىق خىزمەتلەرگە قارىتا ئېنىق نىشان ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، تەدبىرلەر ئەمەلىي بوپتۇ، بولۇپمۇ خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنىڭ نىشانى، ۋەزىپىسى ئېنىق، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك بوپتۇ، ۋەكىللەر بۇنىڭدىن شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل مەنزىلىنى كۆردى.» كەلگۈسىگە نەزەر سالغاندا ۋەكىل ما لىخۇڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە تولدى.

باشلىنىش پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك، باشلىنىش ۋەزىيىتى غەلىبە قىلىش ۋەزىيىتىنى بەلگىلەيدۇ.

كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىش كېرەك.

«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. بۇ، بىز پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاشۇردى!» ۋەكىل رۇڭ چېڭ مۇنداق دېدى: «تەر ئاققۇزۇپ سۇغىرىپ ھوسۇل ئالدۇق، ئەمەلىي ئىشلەپ تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، شىنجاڭ چوقۇم ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلالايدۇ!»

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.