لى يىفېي شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى
يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.
ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى يىفېي مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ بۇلتۇرقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى نەتىجىلەر ۋە تەجرىبىلەر خۇلاسىلىنىپ، نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ۋە مۇھىم، زور پۇرسەت تەھلىل قىلىنىپ، 2022 - يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، كۆزلىمە نىشانى، نۇقتىلىق خىزمەتلەر ۋە ئاساسلىق تەدبىرلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپتۇ، بۇ بىر سىياسىي جەھەتتە يۈكسەكلىككە، ئەمەلىيەت جەھەتتە چوڭقۇرلۇققا، خەلق تۇرمۇشى جەھەتتە ئىللىقلىققا تولغان ياخشى دوكلات بوپتۇ.
لى يىفېي مۇنداق تەكىتلىدى: بىڭتۇەن يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئومۇمىي ۋەزىيەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باشتىن - ئاخىر دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى دەل بىڭتۇەننىڭ مەنپەئىتى، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى دەل بىڭتۇەننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا بىڭتۇەن خىزمىتىنى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە شىنجاڭنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەت خىزمىتىگە قويۇپ پىلانلىشى ۋە ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىشى كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، سېلىنمىنى كۈچەيتىش، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، سىياسەتنى جانلاندۇرۇش، كاپالەتنى ئەلالاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، تەشكىللەش ئەۋزەللىكى ۋە سەپەرۋەر قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ۋە مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر سىڭىشىشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىت يارىتىپ، بىڭتۇەننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. بىڭتۇەندىكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئاڭلىق ھالدا ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك.