خې جۇڭيوۋ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى
مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش دەل جايىدا، خىزمەت يۆنىلىشى ئېنىق بولۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولغان، كىشى قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. بىز پۇختا قەدەم بىلەن بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ھەقىقىي تۈردە جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.
خې جۇڭيوۋ مۇنداق كۆرسەتتى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، ئوبيېكتىپ خۇلاسىلىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۆۋەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، بۇ يىل گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇلىدىغان ئون جەھەتتىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ، ئۇنىڭدا ۋەزىپە ئېنىق، تەدبىرلەر كونكرېت، ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدىنىلگەن بولۇپ، بىزنىڭ بۇ يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى.
خې جۇڭيوۋ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن تەپسىلىي قاراپ چىقىپ ۋە پىلانلاپ، «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش تەرەققىيات ئەندىزىسىنى چۆرىدەپ، ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، سىياسەت ئەۋزەللىكى ۋە خاس بايلىق ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىدىكى رايونلىرىنى ئېچىۋېتىش يېڭى ئۈستۈنلۈكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. دۆلەت ئۆلچىمىگە توغرىلىنىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى سىجىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئىش ئورنىنى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، خاس كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ، زورايتىپ، يېزا ئىگىلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا - كەنتلەردە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئۇنتۇماي، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، يېڭى سەھىپە پۈتۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.
بادەي قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.