تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

نۇرلان ئەبىلمەجىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا خىزمەتلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئاساسىدا خۇلاسىلەنگەن، ۋەزىيەت تولۇق، ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنغان، خىزمەتلەر ئەمەلىي ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى نامايان قىلىنىپتۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان خەلقچىل ھېسسىياتى ۋە ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتەك مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش روھى نامايان قىلىنىپتۇ، بۇ جەڭگىۋارلىق روھىغا ئىلھام بېرىدىغان، ئىشەنچنى ئۇرغۇتىدىغان، ئىجادىي، ئەمەلىي ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق تەپەككۇرنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ۋە ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىياتنى ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ دۆلەت بەرگەن تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جانلىق پايدىلىنىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق يولىدا ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ئۈزلۈكسىز تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى قاندۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۇقرالار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشى كېرەك؛ ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەڭ زور ئومۇمىي مەنپەئەتدار خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل ئېلىنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۇلىرىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىشى كېرەك؛ ئادەمنى ئاساس قىلىشتىن ئىبارەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىنى قەتئىي ياخشى قوغدىشى كېرەك. ئىستىلنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، قەدەمنى پۇختا بېسىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشتا ئېغىپ كەتمەسلىك، ئۆزگىرىپ كەتمەسلىك، قېيىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئىلمىي، دەل جايىدا ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىپ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.