تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 20 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ 1 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يۈنمېي، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 20 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ 1 - ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ جۇ بەرگەن كادىرلار ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. كادىرلار ئىشلىرىغا ئالاقىدار (لايىھە)، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى (لايىھە)، باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى (لايىھە) قاراپ چىقىلىپ، يۇقىرىقى ھۆججەت لايىھەلەرنى ئەزالار گۇرۇپپىلىرىنىڭ قاراپ چىقىشى ۋە كېڭىشىشىگە سۇنۇش قارار قىلىندى.

يىغىندىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنى ئېچىپ، كادىرلار ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئىزاھاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى، بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سۇنۇلىدىغان تۈرلۈك ھۆججەت لايىھەلەرنى قاراپ چىقتى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن پېڭ جيارۇي، جۈرئەت ئىمىن، مۇتەللىپ ئوبۇل، كۇڭ شىڭلۇڭ، دوۋ ۋەنگۇي، چيۇ شۇخۇا، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، نۇرۇم ئىسمايىلقان، دىلشات قىدىرقان، ئېزىز مۇسا، باش كاتىپ گاۋ جياڭخۇەي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.