تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

شەۋكەت ئىمىن تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى تارباغاتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىدە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

شەۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇنلاشقان، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلاشقان بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ 2021 - يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر سىستېمىلىق خۇلاسىلەنگەن، ھازىرقى ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىنغان، مەۋقە ئومۇمىي ۋەزىيەت ۋە پۈتۈن ۋەزىيەتكە قويۇلغان، 2022 - يىللىق خىزمەت ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسىي يۆنىلىشى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان، نىشان - ۋەزىپە ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان، يۈكسەك سىياسىي ئاڭ ۋە ئومۇمىي ۋەزىيەت ئېڭى تولۇق نامايان قىلىنغان، يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلىش روھى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش گەۋدىلەندۈرۈلگەن، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر -ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا تامامەن ئۇيغۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تامامەن ئۇيغۇن بولۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن.

شەۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى دۇچ كېلىدىغان ۋەزىيەت ۋە مۇھىم، زور پۇرسەت توغرا تەھلىل قىلىنغان، بېكىتىلگەن نىشاندا خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق تۈرلۈك ئىقتىساد كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ يۈزلىنىشى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىلغان، مۇقىم بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش تەلىپى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ھازىر ۋە كەلگۈسىگە تەڭ ئېتىبار بېرىلگەن بولۇپ، تەرەققىيات كۆزلىمىسىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇشقا پايدىلىق، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشقا پايدىلىق، پەقەت بىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىدىغانلا بولساق، چوقۇم تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەۋزەللىكنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر قايسى جەھەتتىكى خىزمەتلەردە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولالايمىز.

شەۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلانىنى سىزىپ بەردى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى بىر قاتار تېپىلغۇسىز مۇھىم، زور پۇرسەت ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدە ئەۋزەللىككە ئىگە، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق، كەلگۈسى ئۈمىدكە تولغان. تەستە قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بەل قويۇۋەتمەي، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە تىرىشىپ، گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاشنى نازارەتچىلىككە سىڭدۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ بىرىكمە كۈچىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ چىقىدۇ.

مۇقىيات جارمۇقامەت، قادىربېك قامزا قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.