تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: 2021 - يىلى، مىسلىسىز قىيىنچىلىق، خىرىسقا دۇچ كەلگەن ئەھۋالدا، بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشى، تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. بۇ نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى، بۇ، تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىشىدىن قولغا كەلدى، بۇنىڭغا بورتالا ئوبلاستىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ يۈرەك قېنى ۋە تەرى مۇجەسسەملەنگەن.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ، بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىدا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغاندىن كېيىن، بىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنى ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى مەسئۇلىيىتى قىلىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىدىن پايدىلىنىپ خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: 2022 - يىلى، بورتالا ئوبلاستى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، خىزمەتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى ياخشى ئىشلەشكە تېخىمۇ كۆپ زېھىن ۋە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىلمىي، دەل جايىدا ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي كۈچەيتىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىشكە تېخىمۇ كۆپ زېھىن ۋە كۈچ سەرپ قىلىپ، بورتالا ئوبلاستى خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ۋە خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى بەرپا قىلىپ، پورت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قىشلىق، ئەتىيازلىق ساياھەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭدىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچەش كېرەك. ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىشقا تېخىمۇ كۆپ زېھىن ۋە كۈچ سەرپ قىلىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، «ئۈچ كاپالەت» تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، مۇستەھكەملەپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. خىزمەت ئىستىلىنى سىجىل ياخشىلاشقا تېخىمۇ كۆپ زېھىن ۋە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.