تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، خىزمەت ئەمەلىي ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك

جاڭ چۇنلىن تۇرپان شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، خىزمەت ئەمەلىي ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى تۇرپان شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى، يۆنىلىشى - نىشانى ئايدىڭ، پىكىر يولى، تەدبىرلىرى ئېنىق بولۇپ، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، باش تېمىسى روشەن، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولغان، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. بىز راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە دوكلاتنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

جاڭ چۇنلىن مۇنداق كۆرسەتتى: دوكلاتتا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى كۆزلەش تولۇق نامايان قىلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ 2021 - يىلىدا قولغا كەلتۈرگەن گەۋدىلىك نەتىجىلىرى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا ئوبيېكتىپ يەكۈنلىنىپ ۋە تاۋلىنىپ، 2022 - يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى خىزمەتلەر سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، بىزنىڭ 2022 - يىللىق شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتتى.

جاڭ چۇنلىن مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، سىستېما قارىشىنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك. تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» باش تېما تەربىيەسى پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىياتنى ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە قەتئىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇرۇقچىلىق كەسپىنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە مەھسۇلاتنى مۇقىم ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇش، يېزىلارنىڭ مۇقىم، تىنچ بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

مەڭلىك سىيىت، سۈن خۇڭمېي قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.