□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى ياڭ، جاڭ يۈنمېي، خېي خۇڭۋېي، لۇ فېڭباۋ
«ئىلمىي بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پىرىنسىپى بويىچە، پۇختا ئىشلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش» «خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىش» «توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، تىرىشىپ ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش» نىشان توغرىسىدا توختىلىش، تەرەققىياتنى سۆزلەش... ۋەكىللەر، ئەزالار كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان بۇ سۆزلەر «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش»تىن ئايرىلمىدى. ئىلمىي پوزىتسىيە، ئەمەلىي ئىشلەش قەدىمى بىلەن يېڭى مۇساپىدە كۆپچىلىك زور غەيرەتكە كېلىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن كەلگۈسىگە ئاتلاندى.
ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى رىشات مۇساجان مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 2021 - يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا كۆرسەتكەندەك: ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇش ئىدىيەۋى ئۇسۇل مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، يەنە پارتىيەۋىلىكنىڭ كۈچلۈك بولۇش ياكى كۈچلۈك بولماسلىق مەسىلىسىدۇر. بۇ مۇھىم ھۆكۈم ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش بىلەن پارتىيەۋىلىكنىڭ ماھىيەتلىك باغلىنىشىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى. «پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىدە راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش پەزىلىتىمىزنى تاۋلاپ، راست گەپ قىلىپ، سەمىمىي گەپ قىلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، كۈچلۈك پارتىيەۋىلىك بىلەن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى ئۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بەي لى ئىلگىرى ئاساسىي قاتلامدىكى مەھەللىدە 19 يىل خىزمەت قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىدىكى تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئامما بىلەن بىۋاسىتە يۈز كۆرۈشۈشكە توغرا كېلىدۇ، نېمە قىلىش، قانداق قىلىش كېرەك، ياخشى قىلىندىمۇ - قىلىنمىدىمۇ، ئەمەلىي بولدىمۇ - بولمىدىمۇ ئاممىنىڭ كۆڭلىدە بىر تارازا بار. «بىز ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز، ھەم قانۇنىيەت بويىچە ئىش بېجىرىشىمىز، پاكىتقا ھۆرمەت قىلىشىمىز، قائىدىگە ھۆرمەت قىلىشىمىز، ھەم ئەگرىنى تۈز قىلىمەن دەپ چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكىمىز، كېمىگە بەلگە قويۇپ، خەنجەر ئىزدىمەسلىكىمىز، <خالتا كوچا>غا كىرىپ قالماسلىقىمىز كېرەك، بۇ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ سەۋىيەسى ۋە ئەقىل - پاراسىتىنى سىناۋاتىدۇ».
توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش
ۋەكىللەر، ئەزالار مۇنداق قارىدى: ئىلمىي بولۇشتا، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرالىغان - تۇرالمىغانلىق توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزغان - تۇرغۇزمىغانلىقتا ئەڭ نېگىزلىك ئىپادىلىنىدۇ.
«ئىش قىلىشتا راستچىل بولۇش دېگىنىمىز پارتىيەلىك كادىرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.» ۋەكىل بەي لى مۇنداق دېدى: توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشتا، ھەر ۋاقىت خەلق ئاممىسىنىڭ ئامانلىقى، ھال - ئەھۋالىنى قەلبكە پۈكۈپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسى، ئەڭ قىيىن، ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغان، ئەڭ جىددىي تەخىرسىز ئەمەلىي مەسىلىلەرنى پۇختا، ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.
شەھەر - يېزا يوللىرىنى كېڭەيتىش، يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، مائارىپنىڭ تەكشى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ... ۋەكىل بەي لى تۇرۇشلۇق ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونى خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە پايدىلىق نۇرغۇن ئەمەلىي ئىشنى بېجىردى، ئامما بەس - بەستە ئالقىشلىدى.
«بۇ يىل بىز خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى داۋاملىق ئەمەلىيەتتتىن ئۆتكۈزۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ياخشى ئىشلارنى خەلق ئاممىسىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىمىز» دېدى ۋەكىل بەي لى.
ۋەكىل رىشات مۇساجان مۇنداق دېدى: بىزدە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا ماھىر بولۇش ئېڭى ۋە ئىقتىدارى بولۇشى، ساختىپەزلىك، سۆلەتۋازلىق ۋە قارىغۇلارچە ئىش قىلىشنى قەتئىي توسۇشىمىز، ئوبراز قۇرۇلۇشى، سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللانماسلىقىمىز، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجرا قىلىشتا ئېغىپ كەتمەسلىك، ئۆزگىرىپ كەتمەسلىك، قېيىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. «مەسىلەن، يېزىلاردىكى ھويلا - ئارانلارنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا، جەزمەن ھەربىر ئائىلىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، مادارغا قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەك، مەجبۇرىي تەقسىم قىلىدىغان، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان ئەھۋاللار قەتئىي كۆرۈلمەسلىكى كېرەك، ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە زىت بولۇپلا قالماي، يەنە ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ».
«شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشمۇ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنىڭ ئىپادىسى.» ۋەكىل رىشات مۇساجان مۇنداق دېدى: «بىز شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى قانۇن ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشىنى قوغدىشىمىز كېرەك».
ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش
بۇلتۇر يىل بېشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ئابلىز داۋۇت قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئۇششاقباش بازىرى چۇڭقۇر ئېغىل كەنتىگە كېلىپ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بولغانىدى. ئاممىۋى خىزمەتنى قانداق ئىشلەش كېرەك؟ ئۇ مۇنداق قارىدى: بۇنىڭدىكى ئەڭگۈشتەر دەل «ئەمەلىي» بولۇشتا.
«ئاممىغا ھەقىقىي ئىش قىلىپ بېرىش كېرەك. ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش مۇنداقلا دەپ قويسىلا بولىدىغان ئىش ئەمەس.» ئەزا ئابلىز داۋۇت مۇنداق دېدى: قىيىن مەسىلىلەرگە مۇئامىلە قىلغاندا چېكىنمەي، قىيىن ئىشلارغا يولۇققاندا بىپەرۋالىق قىلماي، ھەقىقىي ھېسسىيات، ھەقىقىي ھەرىكەت، ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلغاندىلا، ئاندىن خىزمەتلەرگە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
«راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.» ئەزا ئابلىز داۋۇت كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ياخشى، لاياقەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قارىسىغا ئىشلەپ تاماملىغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، پەقەت ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆككەندىلا، ئاندىن توغرا ۋە ئېنىق كۆز قاراشلارنى ئېلىپ كەلگىلى بولىدۇ.
ئەزا ئابلىز داۋۇت يېزىلاردا زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، يېزىلاردىكى بەزى يوللارنى باشقۇرىدىغان، ئاسرايدىغان ئادەم يوقلۇقىنى، يوللاردا دائىم تاش - شېغىللارنىڭ چىقىپ قالىدىغانلىقىنى، بۇ، ئاپتوموبىللارنىڭ قاتنىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، تاشيوللارنىڭمۇ مەلۇم دەرىجىدە بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بايقىدى. 2020 - يىلى، ئۇ يېزا يوللىرىنى باشقۇرۇش، ئاسراش سالمىقىنى ئاشۇرۇش تەكلىپىنى تاپشۇرۇپ، بۇ مەسىلىنىڭ بىرقەدەر ياخشى ھەل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
ۋەكىللەر، ئەزالار مۇنداق بىلدۈردى: راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، بىرىنچى سەپتە ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق كەلگۈسىگە بىرلىكتە ئاتلىنىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.