تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى لايىھەسى تەكشۈرۈپ بېكىتىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يۈنمېي، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ كومىتېتى 1 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، «ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى لايىھەسى»نى قاراپ چىقتى ھەم ماقۇللىدى. يىغىندا، بۇ قېتىمقى يىغىنغا سۇنۇلغان تەكلىپلەرنى ئىستاتىستىكا قىلىشنى 2022 - يىلى 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى سائەت 12دە توختىتىش قارار قىلىندى.

لايىھەدە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دىققەتنى ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان، جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك دىققەت قىلىدىغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تېمىلارنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاش، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا تەكلىپ بېرىش كېرەك. تەكلىپتە كەسكىنلىك، ئىلمىيلىك، مۇمكىنچىلىكتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، جەزمەن بىر ئىشقا بىر تەكلىپ بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئىخچام، مېغىزلىق بولۇش كېرەك، ئەھۋالمۇ، تەھلىلمۇ بولۇش كېرەك، تەكلىپ - تەۋسىيەدە كىرىش ئېغىزى كىچىك بولۇش، داۋلى چىڭ بولۇش، نىشان توغرا بولۇش، ئېنىق، كونكرېت بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

«لايىھە»دە تەكلىپنىڭ بېرىلىش شەكلى، ئاساسىي تەلەپلەر، تاپشۇرۇلۇش شەكلى، تەكشۈرۈش ۋە تەكلىپ تۇرغۇزۇش شەرتلىرى ئېنىق بەلگىلەندى. تەكلىپ خىزمىتى سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر تۈرلۈك دائىملىق خىزمىتى، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تەكلىپلەرنى يىغىش، ئىستاتىستىكا قىلىش ۋاقتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ۋە يىغىن يېپىلغاندىن كېيىن، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى داۋاملىق تەكلىپ سۇنسا بولىدۇ، تەكلىپ كومىتېتى بۇ تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈپ تۇرغۇزۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئىشخانىسى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە سۇنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.