سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى
ھەممە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە پارتىيەگە ئەگىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى، «سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ 2022 - يىللىق كېڭىشىش پىلانى»غا بىرلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلدى ھەم ساھەلەرنىڭ تەكلىپلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ پىكىر ئالماشتۇردى.
گۇرۇپپىلارنىڭ مۇزاكىرە يىغىن مەيدانىدا، ئەزالار پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئويلىغانلىرى، ئاممىنىڭ ئارزۇسى، سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيەسىنى چۆرىدەپ، دوكلاتنىڭ مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى، تەكلىپ بەردى، تەرەققىيات توغرىسىدا سۆز قىلدى، نەق مەيدان كەيپىياتى ئىنتايىن قىزغىن بولدى.
كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: 2021 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «14 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەقىل ۋە كۈچ قوشتى.
كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئىشەنچنى ئۇرغۇتىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، جەزمەن ھەممە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە پارتىيەگە ئەگىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەيدۇ.
ئەزا خەن جۈن مۇنداق قارىدى: دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات بايرىقى روشەن ياخشى دوكلات بوپتۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشنى پۇختىلىدى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈردى، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى، ئۆز قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى زورايتتى. سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دوكلاتنىڭ تەلىپى بويىچە، مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنۇمغا قويۇپ، «ئەزالار تاپشۇرۇقى» نى ياخشى ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتچان ئەزا بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق دۆلەت ئۈچۈن ۋەزىپەمنى ئادا قىلىمەن، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىمەن.
«دوكلات»نىڭ تىلى ئىخچام، تەدبىرى ئەمەلىي بوپتۇ، ھەم ئۆتكەن بىر يىللىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلۈپتۇ، ھەم يېڭى بىر يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشىغا ئىلھام بېرىشتە كۈچەش مۇھىم نۇقتىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپتۇ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى. ئەزا ئىلھام ئوسمان مۇنداق دېدى: مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنۇمغا قويۇپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.
ئەزا دېڭ خۇڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلاتقا نىسبەتەن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپ خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىلدى، بۇلتۇر پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، يىغىن تەكلىپلىرىدىن ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان 76 پارچە تەكلىپنى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاپ، تەكلىپ بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان 30 ئورۇن بىلەن بىرلىكتە «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پائالىيەت ناھايىتى نەتىجىلىك بولدى، ئەزالارمۇ ھەسسىلەپ ئىلھاملاندى. بۇنىڭدىن كېيىنكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش خىزمىتىدە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلىپ، ھەقىقىي تەكلىپ بېرىپ، ئەمەلىي مەسلىھەت بېرىپ، بۇرچىمىزنى ھەقىقىي ئادا قىلىش، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.
ئەزا شۆ جىخەي مۇنداق بىلدۈردى: مائارىپ ساھەسىدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ ياخشى يولغا قويۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەيمەن.
ئەزا يۆ فېڭ مۇنداق دېدى: بىز مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالالايدىغان بولۇشىمىز، ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا ماھىر بولۇشىمىز، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتىدە سىياسىينى ئىگىلەش ئىقتىدارىمىز، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارىمىز، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش ئىقتىدارىمىز، ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەش ئىقتىدارىمىزنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، ئىلتىماس - تەلەپلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەيدىغان، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدىغان كۆۋرۈك، ۋاسىتە بولۇشىمىز كېرەك.
ئەزا ۋاڭ جياڭ مۇنداق دېدى: دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، 2022 - يىللىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە سىياسىيۋىلىك تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقى ۋە كېڭىشىش خاراكتېرى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ، دەپ كۆرسىتىلدى. بىز قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ قاتناشقۇچىلىرى، ئەمەلىيەتچىلىرى، تۈرتكە بولغۇچىلىرىدىن بولۇپ، تېخىمۇ ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز.
(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار لى ياڭ، لى شىڭ، مېھرىگۈل غوپۇر، سۈي يۈنيەن، جاۋ شىيا، سۇ لۇپىڭ)