تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى مۇساپىدە كۈرەش قىلىپ، بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى

​− ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن خاتىرە

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يۈنمېي، لى ياڭ

يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان كاتتا يىغىن قەرەلىدە ئېچىلدى.

1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ 470تىن ئارتۇق ئەزاسى جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئېلىپ، توغرا ۋە ئېنىق كۆز قاراشلارنى ئېلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىن كېلىپ بىر يەرگە جەم بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنى ئېچىلدى.

ئۆتكەن بىر يىلنى ئەسلىسەك، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دىققەتنى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چىڭ كۆزلەپ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم، زور ئىشلارنى چىڭ كۆزلەپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ ۋىۋىسكىسىنى تېخىمۇ يارقىنلاشتۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، يېڭى قىياپەتنى نامايان قىلىپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى.

2022 - يىلىنىڭ ۋاقىت دەرۋازىسى ئېچىلدى، بىز پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇپ، يەلكەن چىقىرىپ قايتا يولغا چىقىشقا ئىنتىزارمىز.

سائەت دەل 10دا يىغىن باشلاندى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى. جۇشقۇن مېلودىيە يىغىن مەيدانىدا ياڭرىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى −

«ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەش»

«كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش»

«مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش»

...

دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى راستچىل، ئەمەلىيەتچىل، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان بولۇپ، ئارقا - ئارقىدىن قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

يىغىندا، توققۇز ئەزانىڭ يىغىن نۇتقى ئىنتايىن «ئەمەلىي بولدى»:

− ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق كۈچەپ، باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش؛

− «ئىككىنى ئازايتىش» سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇش؛

− تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش؛

− ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىگىلىكىنىڭ يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش؛

...

دەل، نېگىزلىك قىلىنغان تەھلىللەردە دىققەت ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈلدى؛ دەل جايىدا، ئەمەلىي بېرىلگەن تەكلىپلەردە خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسى، ساداسى ئىپادىلەندى.

«بۇ يىغىن نۇتۇقلىرى ئۇزۇن ئەمەس، ئەمما مەزمۇنى پۇختا، يېڭى ئوي - پىكىرلەر مول ئىكەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم نۇقتا، قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى چىڭ تۇتۇلۇپتۇ، ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى روھلاندىم، ھەم ناھايىتى زور ئىلھام ئالدىم» دېدى ئەزا گو يۈجۈەن.

سائەت 12دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، تۈرلۈك قارالمىلار تاماملىنىپ، ئېچىلىش يىغىنى ئاخىرلاشتى. ئەزالار شىنجاڭ خەلق سارىيىدىن چىقىپ، قىزغىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، قەلبىدىكى تەسىراتلىرىنى ئىزھار قىلدى.

«2021 - يىلى پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇردۇق. سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەنمۇ بۇنىڭغا قاتناشتىم ھەم بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشتۇم، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن» دېدى ئەزا ۋاڭ شيەنلى روھلۇق ھالدا.

2022 - يىل تارىخ كوردىناتىدا ئالاھىدە ئىزنالارنى قالدۇرغۇسى.

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مۇلازىمەت قىلىش، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش دەۋر، شۇنداقلا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالارغا يۈكلىگەن تارىخىي مەسئۇلىيەت ۋە مۇقەددەس بۇرچ.

«بىز دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز» دېدى ئەزا ۋۇرنا.

ئەزا ئابلىكىم ھۈسەيىن مۇنداق بىلدۈردى: «سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، بىز خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىمىز».

ئوبدان مەسلىھەت، ياخشى تەدبىرلەر ئەزالارنىڭ كۆڭلىدە تەييارلاندى، توغرا ۋە ئېنىق كۆز قاراشلار تەكلىپ، تەۋسىيەلەرگە يېزىلدى. يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ئەزالارنىڭ ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.

بىرلىكتە كەلگۈسىگە ئاتلىنىش، ھازىرقى پەيتتە كۈرەش قىلىش. ئەزالار مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىدىيەدە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، نىشاندا بىر نىيەت، بىر يۆنىلىشتە بولۇپ، ھەرىكەتتە بىر نىيەت، بىر سەپتە بولۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.