تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۈرلۈك كارخانىلارنى شىنجاڭغا قارىتا تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە ئىگە قىلىش

«تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ ياخشى ياكى يامان بولۇشى بىر رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنى بىۋاسىتە بەلگىلەيدۇ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى (قوشۇمچە) جېڭ چامېي.

قانداق قىلىپ تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك كارخانىلارنى شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشقا قارىتا تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە ئىگە قىلىش ۋەكىللەر، ئەزالار كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە قىزغىن مۇھاكىمە قىلىدىغان تېما بولدى.

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى خېي خۇڭۋېي، سۇ لۇپىڭ، جېڭ جو

تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، يۈكنى يېنىكلىتىپ

كارخانىلارنى يەڭگىل جابدۇنۇپ سەپەرگە ئاتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش

2021 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرىدىغان بىر قاتار تەدبىر ۋە چارىلەرنى ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كارخانىلارنىڭ تىجارىتىنى نۇرغۇن قولايلىقلار بىلەن تەمىنلىدى. تىجارەت - سودا مۇھىتى سىجىل ئەلالىشىپ، بازار سۇبيېكتلىرى سىجىل مۇقىم ئېشىش يۈزلىنىشىنى ساقلىدى.

باج - ھەقنى كېمەيتىش - كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى نۇرغۇن كارخانىلارنى «يەڭگىل جابدۇنۇپ سەپەرگە ئاتلىنىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئىلى ئەلباب يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى كامران زۇنۇن مۇنداق بىلدۈردى: «بىز باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپلا قالماي، يەنە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىقلاردىن بەھرىمەن بولدۇق، بۇلار كارخانىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، كارخانىغا كۈچ قوشۇپ، كارخانىنىڭ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى».

باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشتىن باشقا، يەنە كارخانىلارنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىتىش، ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرى زىچ ئەمەلىيلەشتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، قومۇل بەيشى يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى بەي جىگې مۇنداق دېدى: «ئاپتونوم رايون يولغا قويغان بىر قاتار يۆلەش سىياسەتلىرى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىپ، بىزنى خاتىرجەم ھالدا ئىجتىھات بىلەن تۈجۈپىلەپ ئىشلەپ، كارخانىنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى».

ئاپتونوم رايونىمىز «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەر كارخانىلارغا ناھايىتى زور ئىشەنچ بېغىشلىدى. «پۇقراۋى ئىگىلىك پات ئارىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ باھارىنى كۈتۈۋالىدۇ، دېگەن كۈچلۈك ھەم ئاكتىپ بىر سىگنال قويۇپ بېرىلدى، بىزنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى!» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يۈ چېڭجۇڭ.

«كەلگۈسىدە سىياسەت تەشۋىقاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ياخشى تۇتۇشنى ھەم ئىجازەت شەرتى، يەر سىياسىتى، مالىيە - باج مەدىتى، پۇل مۇئامىلە مەدىتى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىكى، مۇلازىمەت سۇپىسى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشنى، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ تەكلىپ بەردى ئەزا جېڭ چامېي.

ساغلام بازار تەرتىپى ئورنىتىپ

بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش

تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتا، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىدىكى ئاغرىنىدىغان نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى ئېنىقلاپ، تولۇق ئىگىلەپ، ھۆكۈمەت مۇلازىمىتى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ۋەكىل بەي جىگې مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى يۆلەشنى كۈچەيتىش قۇرۇق گەپ بولۇپ قالسا بولمايدۇ، جەزمەن كارخانىلارنىڭ قانداق قىيىنچىلىقى بارلىقىنى، قانداق يۆلەش كېرەكلىكىنى، قايسى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى ھەقىقىي ئىگىلەش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىياسەتنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى ۋە ئىلمىيلىكىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنى ئازادە تىجارەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى شىنجاڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى بۇھەجەر ئابلا مۇنداق دېدى: ياخشى بازار تەرتىپى ئوچۇق - ئاشكارا بازار قائىدىسىنىڭ قوغدىشىغا تايىنىدۇ. ئەخلاقنى تىرەك، قانۇننى كاپالەت قىلغان جەمئىيەت ئىناۋەت تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈش بازار تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى.

«قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى كۈچەيتىپ، بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن باشقا تارماقلارنىڭ تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىغا زۆرۈر بولمىغان ئارىلىشىۋېلىشىنى ئازايتىش كېرەك.» ۋەكىل كامران زۇنۇن مۇنداق تەكلىپ بەردى: شۇنىڭ بىلەن بىللە، توغرا يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، كۆپرەك چارە تېپىپ، كۆپرەك تەدبىر قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىش، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش سىياسەتلىرىنى دەل جايىدا يولغا قويۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئەمەلىي ئىقتىسادنى، بولۇپمۇ كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىشقا پائال يېتەكلەپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىپ

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش

بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ مەدىتىدە، مالىيە، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق «ئېقىن سۇ»لار پۇقراۋى كارخانىلارغا باشلاندى. بۇ «ئېقىن سۇ»لارنىڭ ئەڭ زور ئۈنۈمىنى قانداق جارى قىلدۇرۇشقا قارىتا، ئەزا يۈ چېڭجۇڭ مۇنداق قارىدى: پۇقراۋى كارخانىلار تېخىمۇ ساغلام تەرەققىي قىلىمەن دەيدىكەن، چوقۇم دىققىتىنى ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك، «كارخانىلار كۆڭلىنى توختىتىپ، ئاساسىي كەسپىنى ياخشى قىلىپ، ئۆزى ئەڭ رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىشنى قىلىشى كېرەك».

«14 - بەش يىل»دا ئىشنىڭ ياخشى باشلىنىشى، مۇقىملىق پايدىسىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشىمۇ نۇرغۇن پۇقراۋى كارخانىچىنى ئىلھاملاندۇردى. «سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ياخشى بولغان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئاساس قىلىشقا ئېھتىياجلىق، ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى بولمىسا، سودىگەرلەر كېلىشنى خالىمايدۇ؛ ياخشى بولغان مەبلەغ سېلىش مۇھىتى بولمىسا، سودىگەرلەر كېلىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ؛ ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت مۇھىتى بولمىسا، سودىگەرلەر كەلسىمۇ تۇتۇپ قالغىلى بولمايدۇ.» ئەزا جېڭ چامېي مۇنداق دېدى: ھازىر تىجارەت - سودا مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، كۈرەش قىلىش كۈچىمىزمۇ تولۇپ تاشتى.

قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى تۈرلۈك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇشنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇپ، مۇھىتى گۈزەل، ئىقتىدارى تولۇق زامانىۋى باغچە رايونىغا ئايلاندى. «تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىزنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىمىزنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى، كارخانىلار تېخىمۇ قەتئىي ھالدا تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئاتلىنىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ» دېدى ئەزا يۈ چېڭجۇڭ.

«مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاشتا، ئەۋزەللىككە ئىگە بولغان ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش سىياسىتىنى تۈزۈش كېرەك. ئىستېمال ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىستېمال كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك.» ۋەكىل كامران زۇنۇن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىستېمالنىڭ ئېشىشىغا زور ئىشەنچىمىز بار، كارخانىمىزمۇ يېڭى مەھسۇلاتلارنى يارىتىش ۋە يېڭى بازار ئېچىش سېلىنمىسىنى داۋاملىق زورايتىدۇ.

«كارخانىلارغا ياخشى بولغان مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىمىدىكى كارخانىلارنى ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.» ئەزا بۇھەجەر ئابلا مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئەۋزەل كەسىپلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، زەنجىرسىمان تەسىرىنى قوزغىتىپ، كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە ئىگە قىلىش كېرەك.

ئەزا يۈ چېڭجۇڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ ئورتاق تىرىشىشىغا ئېھتىياجلىق، شەخستىن كارخانىلارغىچە، ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىغىچە، يەنە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەگىچە ھەممىسى ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئورتاق كېڭىشىپ، ئورتاق پىلانلاپ، ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك، «ئىشىنىمەنكى، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى چوقۇم شانلىق پەيتنى كۈتۈۋالىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.