تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەۋقەنى «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»قا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش

يېڭى نىشان چىڭ كۆزلەندى، يېڭى مۇساپە باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىن ئېچىلىش پەيتىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىن كەلگەن ۋەكىللەر، ئەزالار ئۆز خىزمەت ئەمەلىيىتىگە باغلاپ، ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سۆزلەپ، تەكلىپ بېرىپ، گۈزەل كېلەچەك توغرىسىدا قىزغىن مۇلاھىزە قىلدى. ئۇلار بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز.

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ شياڭ، گو لىڭ، جاڭ رۇيلىن

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى بار، تېخىمۇ مۇھىمى ئىللىقلىق دەرىجىسى بار

1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا، خىلمۇخىل قۇرۇق مېۋە، مۈرە يېپىنچىسى، يىپەك ياغلىقلار، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى قاتارلىقلار كۆزنى قاماشتۇراتتى. بۈگۈنكى كۈندە، كۈندۈزى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كېتىدىغان، كېچىسى رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ تۇرىدىغان چوڭ بازار ھەر مىللەت ئامما ۋە ساياھەتچىلەر دەم ئالىدىغان ياخشى مەنزىلگاھقا ئايلاندى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئىلمىي، دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، بۇ مەنزىرە رايونى مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ خاتىرجەم كېلىشى، خاتىرجەم ئوينىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى، ھەركۈنى كۈتۈۋېلىنغانلار 30 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىنلاشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى (شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ سۇڭيۈەن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى تېخىمۇ دەل جايىدا بولدى، دۆلەت بېكىتكەن خەتەر دەرىجىسى ئوتتۇرا، يۇقىرى رايونلاردىن باشقا، ساياھەتچىلەر يەتتە كۈن ئىچىدىكى خېسۇەن تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تەمىنلىسىلا كىرەلەيدۇ.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ سالمىقى بولۇشى كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى ئېنىقلىق دەرىجىسى ۋە ئىللىقلىق دەرىجىسى بولۇشى كېرەك. ئەڭ ئاز ئىجتىمائىي تەننەرخ بىلەن ئەڭ چوڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجە - ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈش دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن.

ۋاڭ سۇڭيۈەن مۇنداق بىلدۈردى: قانۇن بويىچە ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇش شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 2022 - يىلى، ئۈرۈمچى شەھىرى «ساياھەت كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، <مەدەنىيەت+ساياھەت+يېڭىچە مەدەنىيەت - ساياھەت> كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈش، قار - مۇز ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالىنى كېڭەيتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش، تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇشنى كۈچەيتىش»تىن ئىبارەت بەش جەھەتتىن سىجىل كۈچەپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، توقسۇن ناھىيەسى بوستان بازىرى شاڭخۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەن پىڭنىڭ بىر ئاشخانىسى بار. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاشخانىنىڭ سودىسى ياخشى يۈرۈشۈپ، ئۇنى ئىنتايىن خۇشال قىلىۋەتتى.

«يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ تېخىمۇ دەل جايىدا، ئىلمىي بولۇشى كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشى، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك، راۋان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى، بۇنىڭ بىلەن سودىمۇ تەبىئىي ھالدا بارغانسېرى ياخشى بولدى.» ئەن پىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ «يۇمشاق مۇھىت»تا يېڭى بۆسۈشنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇردى، كەلگۈسىدىكى كۈنلەرگە نىسبەتەن مېنىڭ ئىشەنچىم تولۇپ تاشتى.

ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئاشتى

«كېچىلىك ئىقتىساد» بىر شەھەرنى يورۇتتى. ھازىر شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، كېچىلىك ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش، يېڭى ئىستېمالنى قوزغىتىش يەرلىك ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرگە ئايلاندى.

«كېچىلىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش تەدبىرلىرىدە بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرگەندە، شەھەرنىڭ يۈرۈشۈشى تېخىمۇ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىدۇ» دېدى ۋاڭ سۇڭيۈەن.

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەۋقەنى «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»قا قويۇپ، «ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش» ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلىدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ھاياتىي كۈچكە تولغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى.

ئاقسۇ ۋىلايىتى باشتىن - ئاخىر تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى پۈتۈن ۋەزىيەت تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ تۇتۇپ، دىققەتنى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

«بۇ يىل، بىز مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تۈزۈم ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، بازار بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش تۇپرىقىنى يېتىلدۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى سىياسەت مۇھىتى، قانۇنچىللىق مۇھىتى ۋە بازار مۇھىتى يارىتىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بۇرھان مەمەت.

بىخەتەرلىك بىلەن تەرەققىيات بىر تەندىكى ئىككى قانات، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى قوش چاق. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى مېھراي ئابدۇقادىر مۇنداق بىلدۈردى: ئىلى ئوبلاستىنىڭ بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسى يېڭىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ئىش داۋامىدىكى ۋە ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى. تارماق ھالقىپ «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش»قا بىرلەشتۈرۈپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىدى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئىلى ئوبلاستىنىڭ بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خوتەن شەھەرلىك ئورگان ئارقا سەپ مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئىشچىسى مەسۇم جاپپار باشتىن - ئاخىر نەزەرىنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە قاراتتى.

«مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلغان بۇ بىرنەچچە يىلدا، بىز يىغىنغا خوتەن شەھىرىنىڭ مائارىپ باغچە رايونى قۇرۇلۇشى، كۆمۈرنىڭ ئورنىغا گاز ئىشلىتىشنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەكلىپلەرنى تاپشۇردۇق، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئالاقىدار ئورۇنلار بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەممىسىگە ئىنكاس قايتۇردى، ھەربىر تەكلىپنى ئەمەلىيلەشتۈردى» دېدى مەسۇم جاپپار.

بۇ يىل، مەسۇم جاپپار خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئېلىپ كەلدى. «مەۋقەنى <ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش>قا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش ئىنتايىن مۇھىم.» ئۇ مۇنداق دېدى: «ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى، ساياھەت مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ياتاق، يېمەك - ئىچمەك، ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرگەندە، ساياھەتچىلەرنىڭ ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قوبۇل قىلىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىش غەيرىتىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشقىلى بولىدۇ».

تەرەققىيات چىڭ تۇتۇلدى، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى تېخىمۇ ئاشتى، بەخت تۇيغۇسى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولدى. ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە، شىنجاڭ ۋاڭيۈەن بىيو پەن - تېخنىكا گۇرۇھى تەربىيەلەش ئارقىلىق دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ باقمىچىلىق قارىشىنى ئۆزگەرتىش، تۆگە بېقىش قەرز پۇلى بىلەن تەمىنلەش، زاكازلىق تۆگە سۈتى يىغىۋېلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق 5000دىن ئارتۇق دېھقان - چارۋىچىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

«بىر كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئاممىنى بېيىشقا يېتەكلەش بىز كارخانىچىلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ ۋاڭيۈەن بىيو پەن - تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى چېن گاڭلياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئىنتايىن زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە، ئۈمىدكە تولغان تۇپراق. كېيىنكى قەدەمدە، كارخانىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنىڭ ماس قەدەملىك بولۇشىنى داۋاملىق ساقلاپ، كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۆپ مەنبەلىك ياردەم بېرىدۇ.

نۆۋەتتە، ۋاڭيۈەن گۇرۇھى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى بىلەن ئورتاق بەرپا قىلغان ساياھەت، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش، مەدەنىيەت، ئىستىراھەت - كۆڭۈل ئېچىش، تىجارەت - ئىستېمال، مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلەش بىر گەۋدە قىلىنغان جۇڭگو تۆگە بازىرى تۈرىنىڭ 1 - قارارلىق ئاساسىي گەۋدىسى تاماملاندى. بازار قۇرۇلغاندىن كېيىن، 3000 چارۋىچىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قوبۇل قىلىپ، 1000دىن ئارتۇق چارۋىچى ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.