تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى

​− ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، ھەممە يېڭى قىياپەتكە كىردى. بۈگۈن ھەممىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى ئۈرۈمچىدە داغدۇغىلىق ئېچىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرى، ھەرقايسى سەپلىرىدىن كەلگەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ياخشى تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىدۇ. بۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش. بىز يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

بۇ قېتىمقى يىغىن بىز ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا مەردانە قەدەم تاشلىغان مۇھىم پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق يىغىن. بۇ قېتىمقى يىغىننى ياخشى ئېچىش ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىش، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىل پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ بىر يىلدا، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدۇق، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردۇق، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتۇق. بۇ بىر يىلدا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، داۋاملىق تۈردە «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر بىر قاتار قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، «14 - بەش يىل»دا ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان ئۇيۇل تاشتەك ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، يېڭى مۇساپىدە تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىدى.

كۆپنىڭ كۈچى كۆپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولسا، تەيشەن تېغىنىمۇ يۆتكىگىلى بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرگە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ھەم ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە يۈرەك قېنى مۇجەسسەملەنگەن. ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ھەم ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى چوڭ ئىشلاردا، مۇھىم ئىشلاردا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشنى چىڭ كۆزلەپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتى، نازارەتچىلىك خىزمىتى، ۋەكىللەر خىزمىتى ۋە ئۆز قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پۇختا، كۈچلۈك دېموكراتىك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنىڭ تۈپ يولى ۋە يۈكسەك ئىشقا ئاشۇرۇلۇش شەكلى، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى. بىز يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، خەلق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى ئەڭ زور چەكتە مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ھەم ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، بىز سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي قانۇنچىللىق يولى ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

2022 - يىلى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان يىل. يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا، ھەر مىللەت خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە كۈرەش قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا تىلەكداشمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.