يىغىننىڭ كۈنتەرتىپى قاتارلىقلار قارار قىلىندى بۇ قېتىمقى يىغىن 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئېچىلىدۇ، يىغىن ۋاقتى تۆت يېرىم كۈن
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن 1 - يىغىن ئۆتكۈزدى.
يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك كىشى 57، ئەمەلىي قاتناشقان كىشى 48 بولۇپ، قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
يىغىندا ما شىڭرۇي، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، لى شۆجۈن، سارقىت ئاقان، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، سو يۆ، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، مۇتەللىپ روزى ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىكىگە سايلاندى.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. يىغىن كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن، بۇ قېتىمقى يىغىن 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىدۇ، 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يېپىلىدۇ، يىغىن ۋاقتى تۆت يېرىم كۈن. يىغىندا يىغىن ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى سايلاپ چىقىلدى؛ يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ - لايىھەلىرىنى ئاۋازغا قويۇش چارىسى ئاۋازغا قويۇلۇپ قارار قىلىندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىنىڭ سايلام ۋە ئاۋازغا قويۇش چارىسى لايىھەسى ماقۇللىنىپ، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. يىغىندا ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ بېرىش ۋاقتىنى 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى سائەت 18دە توختىتىش قارار قىلىندى.