تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5 - يىغىنىنى 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئېچىشنى قارار قىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 - يىغىنى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5 - يىغىنىنى 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئېچىشنى قارار قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يۈنمېي، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 - يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئەسلىي پىلان بويىچە 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئېچىلىدىغان ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5 - يىغىنىنى كېچىكتۈرۈپ، 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5 - يىغىنىنى كېچىكتۈرۈپ ئېچىش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. يىغىندا سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ئىسىملىكى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تولۇقلىنىدىغان ئەزالار ئىسىملىكى ماقۇللاندى؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بايىنكېشى قاتارلىقلارنىڭ ئەزالىقتىن سورىغان ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى.

يىغىندىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنى ئېچىپ، كادىرلارغا ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئىزاھاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى؛ كادىرلارغا ئالاقىدار ئىشلار (لايىھە) ماقۇللىنىپ، بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن پېڭ جيارۇي، جۈرئەت ئىمىن، مۇتەللىپ ئوبۇل، كۇڭ شىڭلۇڭ، دوۋ ۋەنگۇي، چيۇ شۇخۇا، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، نۇرۇم ئىسمايىلقان، دىلشات قىدىرقان، ئېزىز مۇسا، باش كاتىپ گاۋ جياڭخۇەي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.