تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلق ئۈچۈن ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، داۋاملىق شانلىق سەھىپە پۈتۈش

− ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2021 - يىللىق خىزمەتلىرى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا

كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، پۇختا قەدەم بىلەن تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىپ يېڭى سەھىپە پۈتۈش.

2021 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى تۆھپىسىنى قوشتى.

يۇقىرى سۈپەتلىك نىزام چىقىرىپ، ئىدارە قىلىش ئۇل تېشىنى مۇستەھكەملىدى

قانۇن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم قورال، ياخشى قانۇن ياخشى ئىدارە قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي پىرىنسىپ قىلىپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم ساھەلەردە نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، نىزام چىقىرىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى پىلانلاپ قانات يايدۇردى. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزامىدىن ئوننى، نىزام خاراكتېرلىك قارار، بېكىتمىدىن ئىككىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ يەرلىك نىزامى، ئايرىم يۈرگۈزۈلىدىغان نىزامىدىن 19نى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، 28 نىزامنى مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇپ، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتتىن 52نى ئەنگە ئېلىپ ۋە تەكشۈرۈپ، يەرلىك نىزام چىقىرىشنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇردى.

بۇ بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى نۇقتىلىق ساھەلەردە نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئامانلىق قۇرۇلۇشى نىزامى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسى نىزامى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» قاتارلىق نىزاملارنى تۈزۈپ چىقتى. جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن خەلقنىڭ ئىرادىسىنىڭ يۈكسەك بىرلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان بۇ نىزاملار پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

يۇقىرى سۈپەتلىك نىزام چىقىرىش نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىش، نىزامنى قانۇن بويىچە چىقىرىشتىن ئايرىلالمايدۇ. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانى، پىلانلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىلمىيلىشىشى، نۇقتىلىق ساھەلەردە نىزام تۈزۈشنىڭ تېخىمۇ خاسلىشىشى، نىزام چىقىرىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنىڭ تېخىمۇ سىستېمىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتتى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سۆھبەتلىشىش، دەلىللەش، مەسلىھەت سوراش، ئاشكارا پىكىر - تەكلىپ ئېلىش، ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئەڭ زور چەكتە خەلق رايىنى قوبۇل قىلىپ، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى توپلاپ، نىزام چىقىرىش ئورتاق تونۇشىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن بىر يىلدا ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىلىرىنىڭ نىزام چىقىرىش تەكلىپىدىن 62نى توپلاپ قوبۇل قىلدى.

نىزام چىقىرىشقا مەسلىھەت بېرىدىغان مۇتەخەسسىسلەر خىزمىتى مېخانىزمى ۋە نىزام چىقىرىشقا مەسلىھەت بېرىدىغان مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىدىكى ئاقىللار ئامبىرىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن بىر يىلدا نىزام چىقىرىشقا مەسلىھەت بېرىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نىزام چىقىرىشقا دائىر پىكىر ۋە تەكلىپىدىن 100 نەچچىنى تاپشۇرۇۋالدى.

بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يەرلىك نىزام چىقىرىشتا «زىت كەلمەسلىك، خاسلىقى بولۇش، مەشغۇلاتچىل بولۇش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تەستىقلاشقا يوللانغان نىزاملارنىڭ قانۇنلۇقلۇقى، سىياسىيۋىلىقى، مۇۋاپىقلىقى، ماسلىشىشچانلىقىنى قانۇن بويىچە تەكشۈردى. «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش نىزامى» «سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش نىزامى» «قومۇل شەھىرىنىڭ شەھەرنى پار بىلەن تەمىنلەش، پار ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش نىزامى» قاتارلىق يەرلىك نىزام، ئايرىم يۈرگۈزۈلىدىغان نىزامدىن 19نى تەكشۈرۈپ تەستىقلىدى.

تۈرلۈك نىزاملار ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىگە گۇۋاھ بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئاپتونوم رايونمىزنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىگە كاپالەتلىك قىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى توغرا نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، دىققەتنى قىزىق نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇقرالار ئويلاۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارنى خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكىنىڭ كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىرغىچە سىڭدۈردى. پۈتۈن بىر يىلدا «بىر ھۆكۈمەت، بىر كومىتېت، ئىككى مەھكىمە»نىڭ 19 تۈرلۈك خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى، 21 قېتىم قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، كۆزدىن كەچۈرۈش، مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى، ئۈچ قېتىم مەخسۇس تېمىدا سوئال سورىدى، نازارەتچىلىكنىڭ قاتتىقلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

خەلق تۇرمۇشىدا كىچىك ئىش يوق، ھەربىر شاخ، ھەربىر يوپۇرماققىمۇ كۆيۈنۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور ئىشلارنى نازارەت قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى(2018 - يىلىدىن 2022 - يىلىغىچە)»نىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ھەم مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ۋە قاراپ چىقىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى» ھەم «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى بايلىقىدىن ھەربىر بالىغا ئادىل نەپ يەتكۈزۈشنى ئالغا سىلجىتتى...

سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دىققەتنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش» باش تېمىسىدىكى 2021 - يىللىق تىيانشان مۇھىت قوغداش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش قانۇنى»نىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نازارەت قىلىش ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ سۈزۈك سۈيى، كۆك ئاسمىنىنى قوغدىدى.

نازارەت قىلىشنىڭ ھاياتىي كۈچى ئەمەلىي ئۈنۈمدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۈلۈك باشقۇرۇش نىزامى»نىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، نازارەت قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، سىجىل ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش، تۈزىتىش، ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق، مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراشتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەتتە جەھەتتىكى 28 مەسىلىنى پائال تۈزەتتى.

بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى نازارەت قىلىش شەكلى، ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى. تۇنجى قېتىم ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بىلەن بىرلىشىپ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ۋە مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى، تۇنجى قېتىم ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بىلەن بىرلىشىپ مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراشنى ئورتاق قانات يايدۇردى، تۇنجى قېتىم نازارەت قىلىش خىزمىتىدە 3 - تەرەپ باھالاش ئەندىزىسىنى كىرگۈزدى، تۇنجى قېتىم نازارەت قىلىش خىزمىتى بىلەن نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى ئورگانىك يۇغۇردى، نازارەت قىلىش شەكلىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

ۋەكىللەر ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، خەلقنى كۆزلەش ئەسلىي مەقسىتىنى نامايان قىلدى

خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنى ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاشقا، ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىشقا، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ئىنكاس قىلىشقا پائال يېتەكلىدى.

2021 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ۋە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى «شانلىق 100 يىلدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، 10 مىڭ ۋەكىل 10 مىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى ۋە سەپەرۋەر قىلدى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 80 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم قېتىم خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى «ئائىلە، ئىشخانا، پونكىت»ىغا كىرىش، ۋەكىللەر گۇرۇپپا پائالىيىتىگە قاتنىشىش، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىگە قاتنىشىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، 376 مىڭ 500 مەيدان قېتىم تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىدىن 19 مىڭ 400نى ئاڭلاپ ۋە ئىنكاس قىلىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، دىققەت قىلىۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىدىن 48 مىڭنى ھەل قىلىپ، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپىنى بېجىرىش خىزمىتىنى پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىپ، بېجىرىشتىن ئىلگىرى، بېجىرىش جەريانىدا، بېجىرىلگەندىن كېيىن ۋەكىللەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەر تەكلىپىنىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، بېجىرىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. 2021 - يىلى، ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان 450 تەكلىپنىڭ ھەممىسى بېجىرىلىپ جاۋاب قايتۇرۇلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار يىغىنلىرى، پائالىيەتلىرى ھەمدە دائىمىي كومىتېت يىغىنى مەزگىلىدىكى سۆھبەتكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللىك خىزمىتى ھەمدە ئۆز قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، خىزمەتلەرنى قاراتمىلىق ھالدا كۈچەيتتى ۋە ياخشىلىدى. بىر يىلدىن بۇيان، جەمئىي تۆت قېتىم ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدار - سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ۋەكىللەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ مۇھىم تەدبىرى قىلدى. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ 1 - قارارلىق سىياسەت، قانۇن مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش كۇرسى ۋە 2 - قارارلىق ۋەزىپە ئادا قىلىش ئىقتىدارى مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش كۇرسىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 160 ۋەكىلى تەربىيەلەشكە قاتناشتى؛ 2021 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ 3 - قارارلىق، 4 - قارارلىق مەخسۇس تېمىلىق (توردا) تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى؛ تۆت قارار «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى چوڭ دەرسخانىسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەربىيەلەش بىلەن تولۇق قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. باشتىن - ئاخىر قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم تەرىپى قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

يېڭى ۋەزىيەت يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا ئېھتىياجلىق بولماقتا، يېڭى مۇساپە يېڭى نەتىجە يارىتىشقا چاقىرماقتا. 2022 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، ۋەكىللىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، جاسارەت بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.