تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەيلى

− ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

يېڭى بىر يىل باشلىنىپ، جاھان باھار تۈسىگە چۆمدى. بۈگۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلدى. «14 - بەش يىل»دا ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، ھەرمىللەت كادىرلار، ئامما يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن تولۇپ تاشقان ئىشەنچ، تولۇپ تاشقان غەيرەتكە تولغان پەيتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدۇ. بىز يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

2021 - يىلنى ئەسلەپ ئۆتسەك، ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدۇق، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتۇق، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا، بىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا مەردانە قەدەم تاشلاپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىمىز.

بۇ بىر يىلدا، بىز پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردۇق، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر سىياسىي تەربىيەگە، ئىدىيەۋى تاۋلىنىشقا، روھىي جەھەتتە چېنىقىشقا ئىگە بولدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى ماڭدى، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى يېڭىلاندى؛ ھەر مىللەت خەلق تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈپ، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈپ، ئىشەنچنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشتى.

بۇ بىر يىلدا، چىگىش، مۇرەككەپ بولغان دۆلەت ئىچى - سىرتى مۇھىتى ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلىشىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى مەھكەم ئىگىلىنىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتى سىجىل ياخشى ئىشلىنىپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇلۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر بىر قاتار قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، ئىقتىساد سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلدى، تۈرلۈك جەمئىيەت ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىدى، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلىدى. بۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، ئۇنىڭغا يەنە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيەسىز، گۇرۇھسىز زاتلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى ھەمدە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يۈرەك قېنى، ئەقىل - پاراسىتى ۋە تەرى مۇجەسسەملەنگەن.

كۈچ ئىتتىپاقلىقتىن كېلىدۇ، بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى بىر - بىرىگە سىڭدۈرۈشتە، تەكلىپ بېرىش ۋە سىياسىي مەسلىھەت بېرىش بىلەن ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە تەڭ كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، تىرىشىپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇردى؛ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرىنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، سۇپا ھازىرلاش، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەركەزنى تېخىمۇ ياخشى چۆرىدەپ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى؛ سىجىل تۈردە سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇپ، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىكى ئىدېئولوگىيە ساھەسى بازىسىدا، پۇقرالارنىڭ تىرىكچىلىكىگە ئالاقىدار خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە، سۈزۈك سۇ، كۆك ئاسماننى قوغداش ئېكولوگىيە مۇداپىئە لىنىيەسىدە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ خەلق رايىنى ئىگىلەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى چۆرىدەپ تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

2022 - يىلى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان يىل. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتا بۇرچ شەرەپلىك، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى رولى ۋە ئۈنۈم ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى زۆرۈر. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە قويۇلغان تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ۋەزىپە ئېغىر، مۇساپە ئۇزۇن. بىز غايە - ئېتىقاد بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولىدىغان ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قەتئىيلىكنى ساقلاپ، جەسۇر قىياپەتنى نامايان قىلىپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالايلى.

يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا تىلەكداشمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.