تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى قەلبىگە پۈكۈش

ۋەكىل ياڭ جيەنجۇڭ:

ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى قەلبىگە پۈكۈش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

«بۇ يىل، مەن ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلار پەلەمپەيسىمان قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتە تەكلىپ بېرىمەن.» 1 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 ـ دوختۇرخانا جىددىي قۇتقۇزۇش ـ جاراھەت مەركىزى جىددىي داۋالاش ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيەنجۇڭ ئۈستىلىدىكى تەكلىپنى مۇكەممەل، ئىنچىكە قىلىپ تەييارلاۋاتاتتى.

مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى، تولۇق ئادا قىلىش ئۈچۈن، ياڭ جيەنجۇڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش بويىچە تەربىيەلەشكە پائال قاتناشتى ھەم تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىش، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلار پەلەمپەيسىمان قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

«مەھەللە داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى دوختۇر ـ سېسترالارنىڭ ئوقۇش تارىخى يۇقىرى بولماسلىق ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال.» ياڭ جيەنجۇڭ مۇنداق دېدى: زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا ئاغرىقلارنىڭ ئاز، تېببىي ئىختىساسلىقلارنىڭمۇ ئاز ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. ئۇنىۋېرسال (مەھەللە) تېببىي ئىختىساسلىقلار پەلەمپەيسىمان قۇرۇلۇشى تېخى مۇۋاپىق ئەمەس، ئۇنىۋېرسال (مەھەللە) تېببىي ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تۆۋەن، مەھەللە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ياش تېببىي ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش كۈچى يېتەرلىك ئەمەس.

ئۇنىۋېرسال (مەھەللە) تېببىي ئىلمى مەھەللە ئاھالىلىرىنى ئاساسىي تېببىي قۇتقۇزۇش ـ داۋالاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭدا يەنە ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، دەرىجە بويىچە داۋالاش سىستېمىسىدىكى 1 ـ دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق ئىستراتېگىيەسىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە.

«ئاساسىي قاتلام ئۇنىۋېرسال دوختۇرلىرى ئامما ساغلاملىقىنىڭ <قوغدىغۇچىسى>، بۇ قوشۇننىڭ سۈپىتى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.» ياڭ جيەنجۇڭ مۇنداق دېدى: مەھەللە دوختۇرلىرى ئاھالىلەرنىڭ يېنىدا، ئۇزاق مۇددەت كېلىشىم ئىمزالاپ داۋالاش ئارقىلىق، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىق ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ، ئاھالىلەرنى جەمەت خاراكتېرلىك، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاشقا دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتىپ، خاسلاشقان ساغلاملىق مەسلىھەت بېرىش پىكرىنى بېرىپ، شۇ ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ ئومۇمىي ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

«مەھەللە داۋالاش ھەممە ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك.» ياڭ جيەنجۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئۇنىۋېرسال (مەھەللە) تېببىي ئىلمىنىڭ تەرەققىياتى تېببىي ئىختىساسلىقلار ھەمدە ئىختىساسلىقلار پەلەمپەيسىمان قوشۇنى قۇرۇلۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ، پەقەت ياش تېببىي ئىختىساسلىقلارنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلغاندىلا، ئۇنىۋېرسال (مەھەللە) تېببىي ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

«خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، ئاممىنىڭ قەلب ساداسىنى يۈزتۇرا ئاڭلىشى، ئاممىنىڭ قايسى قىيىنچىلىقلىرى ۋە مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى، قايسى تەكلىپ ـ پىكىرلىرىنى ئىنكاس قىلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى ئىگىلىشى كېرەك.» ياڭ جيەنجۇڭ مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، «ئۇنىۋېرسال (مەھەللە) تېببىي قۇرۇلۇشىنى پۇختىلاش، تېببىي ئىختىساسلىقلار پەلەمپەيسىمان قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى تاماملىدى.

ياڭ جيەنجۇڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئۇنىۋېرسال (مەھەللە) تېببىي ئىلمىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش سېلىنما سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دەل جايىدا داۋالاشنى يولغا قويۇشقا قولايلىق يارىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش؛ ئۇنىۋېرسال (مەھەللە) تېببىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشەنچ ئارقىلىق ئادەمنى ئېلىپ قېلىش، سىياسەت ئارقىلىق ئادەمنى ئېلىپ قېلىش، تەمىنات ئارقىلىق ئادەمنى ئېلىپ قېلىشنى يولغا قويۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئۇنىۋېرسال (مەھەللە) تېببىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

«مەھەللە داۋالاش ئاپپاراتلىرى يەنە تەۋەلىكىدىكى مەھەللە ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىدىكى ئېھتىياجى بار ئاغرىقلارنى داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرسە بولىدۇ. سىياسەت قوللىغان ئەھۋالدا، قىسمەن مەھەللە داۋالاش مۇلازىمەت نۇقتىسىدا 120 جىددىي قۇتقۇزۇش پونكىت ـ نۇقتىسى قۇرۇپ، رايون خاراكتېرلىك داۋالاش ـ جىددىي قۇتقۇزۇش تورى بەرپا قىلىش كېرەك» دېدى ياڭ جيەنجۇڭ.

«داۋالاش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئېھتىياجى.» ياڭ جيەنجۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: «بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قېلىپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى ياخشى قوغداشنى ئۈمىد قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.