تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىش

− ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 ـ يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەتلەر توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان

1 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 ـ يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ئەزالار كەينى ـ كەينىدىن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى. سۈرەتتە: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى جايلاشقان ئورنىدا ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرمەكتە.□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

2021 ـ يىلى، ۋاقىت ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئۈچۈن ئۆزگىچە ئىزاھات يازدى.

بۇ بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى كۆرگەزمىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، تۈزۈم ئىشەنچى كۈچەيتىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۇرغۇتۇلدى.

بۇ بىر يىلدا، كېڭىشىش شەكلى بېيىتىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى. تۇنجى قېتىم مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىش يىغىنى ئېچىلدى؛ غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) سىياسىي كېڭەشلىرىنىڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشقا تۈرتكە بولۇش» بىرلەشمە يىغىنىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى، بۇ، غەربىي شىمال رايونىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىن ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۇ بىر يىلدا، ئىدىيەۋى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتى چىڭ كۆزلىنىپ، دېموكراتىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى بىر ـ بىرىگە سىڭدۈرۈشتە، چارە ـ تەدبىر كۆرسىتىش ۋە سىياسىي جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش بىلەن ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە تەڭ كۈچەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، «خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خەلق ئۈچۈن» دېگەندىن ئىبارەت كۈچلۈك سادا ياڭرىتىلدى.

ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەش

«توپتىكى دوستلار تېز ھەرىكەتلىنەيلى! بىز ئۇلۇغ روھ توغرىسىدا بىر قېتىملىق ئۆگىنىش قىلايلى!» 2021 ـ يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش «كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان سىياسىي كېڭەش» تېمىسىدىكى كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى باشلىدى، «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش. ئورتاق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش» باش تېمىلىق كىتاب ئوقۇش توپى كۆپچىلىك پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىدىغان، تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇرىدىغان مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى.

پارتىيە تارىخى ئەڭ جانلىق، ئەڭ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە دەرسلىك. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش داۋامىدا ئېتىقادنى ئۇرغۇتۇپ، ئىلھام ئېلىپ، كۈچ قوبۇل قىلىپ، ئەخلاق ـ پەزىلەتنى تاۋلاپ، تىرىشىپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجە ـ ئۈنۈمىنى شىنجاڭنىڭ سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇردى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى داۋامىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئۆگىنىش شەكلىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇردى، بولۇپمۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كېڭىشىش پائالىيەتلىرى بىلەن ئورتاق پىلانلاپ، ئورتاق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، ئۆگىنىش شەكلىنى تىرىشىپ بېيىتتى، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

بۇلتۇر 4 ـ ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت، ئەدەبىيات ـ تارىخ ماتېرىياللىرى ۋە ئۆگىنىش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش باش تېمىسىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش داۋامىدا، قۇربان تۇلۇمنىڭ كونا تۇرالغۇسىنى تەشكىللىنىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى، كۆپچىلىك ھاياجانلانغان ھالدا قايتا ـ قايتا: «بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر قېتىملىق جانلىق، چوڭقۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى دەرسى بولدى!» دېدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان سىياسىي كېڭەش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش. ئورتاق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش» قاتارلىق باش تېمىلىق كىتاب ئوقۇش توپلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، «شىنجاڭ سىياسىي كېڭىشى. شەبنەم مۇنبىرى» سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىش بىلەن بىللە، يەنە پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىدا «بىر ناخشىنى تەڭ ئېيتىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، پارتىيە تارىخى مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنىڭ چوڭقۇر بولۇشى، پۇختا بولۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولدى.

ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇردى، بىلىش، ئىشىنىش، ئىشلىتىشنى بىرلىككە كەلتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، پارتىيە ئەزالىرى «قوش تىزىمغا ئالدۇرۇش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ۋاسىتە قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجە ـ ئۈنۈمىنى خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتە نامايان قىلىپ، داۋالىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلدى.

مارالبېشى ناھىيەسى دۆلەتباغ يېزىسىنىڭ سودىگەر توغراق كەنتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. ئەمەلىيەت پائالىيىتى داۋامىدا، خىزمەت ئەترىتى كارخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ كەنتتىكى مېڭىش ئىقتىدارىدىن قالغان ئالتە كەنت ئاھالىسىگە چاقلىق ئورۇندۇق سوۋغا قىلدى. كەنت ئاھالىسى نۇخان رۇسۇل يېڭى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۆيىدىن «مېڭىپ» چىققاندا، ھاياجاندىن كۆز ياشلىرى تۆكۈلدى: «بۇلارنىڭ ھەممىسىدە پارتىيەگە رەھمەت ئېيتىمەن، خىزمەت ئەترىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن!»

مەركەزنى چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشنى نامايان قىلىش

پارتىيە كومىتېتى چاقىرىق قىلسا، سىياسىي كېڭەش ھەرىكەتكە كەلدى، پارتىيە كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلسا، سىياسىي كېڭەش ئەمەلىيلەشتۈردى.

بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، قوش يۆنىلىشتە كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يولنى راۋانلاشتۇرۇپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەزالارنى پائال چارە ـ تەدبىر كۆرسىتىش ۋە سىياسىي جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىشكە يېتەكلىدى.

بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، جەمئىي 849 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىپ، 83 ئورۇننىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇردى. تەكلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، توردا تەكلىپ سۇنۇش، تەكشۈرۈش، بېجىرىشكە تاپشۇرۇش، جاۋاب قايتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەكلىپلەرنى بېجىرىش، كېڭىشىشنى دائىملاشتۇرۇپ، بېجىرىش نەتىجە ـ ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ تيەنياڭ ئادۋوكاتلىق ئىش ئورنىنىڭ مۇدىرى جىن شەننىڭ ۋىيشىندىكى دوستى 2000دىن ئارتۇق. «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادۋوكاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش»نىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئايلىق كېڭىشىش قارالمىسىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، جىن شەن ناھايىتى ھاياجانلىنىپ، بۇ ئۇچۇرنى دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىدى، «بۇنىڭ مېنىڭ 2021 ـ يىلىدىكى دوستلار چەمبىرىكىمدىكى ئالقىشلىغانلار ئەڭ كۆپ بولغان بىر ئۇچۇر بولۇپ قېلىشىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن» دېدى جىن شەن.

«ئادۋوكاتلارنىڭ ئاساسىي ماھارىتىگە بولغان تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش كېرەك» «قانۇنچىللىق كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، نەزەرىيە ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنىي لوگىكىلىق تەپەككۇر ئىقتىدارىنى نۇقتىلىق يېتىلدۈرۈش كېرەك»... بۇلتۇر 4 ـ ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئاچقان ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىدا، كۆپچىلىك بەس ـ بەستە شىنجاڭنىڭ ئادۋوكاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا چارە ـ تەدبىر كۆرسەتتى.

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مۇلازىمەت قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش سىجىل كۈچىدى. مەخسۇس تېمىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، «ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش»نى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭەشتى ھەم «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش توغرىسىدىكى قارار»نى چىقاردى؛ «ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش»نى چۆرىدەپ، ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، مەكتەپنىڭ تەربىيە بېرىشتىكى ئاساسىي بازىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ سىياسىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دىققەتنى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش ـ چىقىشنى تېزلىتىش» ئۇنىۋېرسال قاتناش تەرەققىيات نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللىدى؛ تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئۇزاق مۇددەت كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى سىجىل قانات يايدۇردى.

خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ھۆكۈمەتنىڭ نىشانى قىلدى. «كەسىپ تەرەققىياتىنى تىرەك قىلىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش» مەخسۇس تېمىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى قارالمىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى قانات يايدۇردى، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزا ـ كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشكە تىرەك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا مۇزاكىرە قىلدى.

سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار ـ مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق. ئېبنۇر كۆلى ئېقىن رايونى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ھازىرقى قوغدىلىش ھالىتى ۋە خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى؛ ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىشنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى؛ يېزىلاردا «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۇرمۇش ئەخلىتىنى تۈرگە ئايرىش قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش» قاتارلىقلار توغرىسىدا سىجىل ئىز قوغلاپ ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشتى.

ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئەڭ چوڭ «مەركەزداش چەمبەر»نى سىزىپ چىقىش

كىشى قەلبى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئورتاق تونۇش جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى.

بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى توپلاپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەنىڭ ئەڭ چوڭ «مەركەزداش چەمبەر»ىنى سىزىپ چىقتى.

پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنى بىر قېتىملىق ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم يىغىن. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىدا پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېتەكلىدى.

«2014 ـ يىلى، كەنتىمىز يەنىلا نامرات كەنت ئىدى، بۇلتۇر يىراق ـ يېقىنغا داڭلىق باي كەنتكە ئايلاندى، بۇنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدىن بولدى.» 2021 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق بازىرى سۇيايدى كەنتىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى يۈكسەك شىجائەت ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ تەشەببۇسىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ئومۇمىي يىغىن روھىنى تەشۋىق قىلىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈردى.

قەرەللىك زىيارەت قىلىپ سۆھبەتلىشىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، توردا ۋە تور سىرتىدا ھەمتۈرتكە بولۇش... بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يەنە پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىنى «سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 15 مىڭدىن ئارتۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ۋە ئورگان كادىرى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس ـ تەلىپىنى ئىنكاس قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، كۈچنى توپلاپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى، تولۇق ئادا قىلىش ئۈچۈن، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يەنە «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ كېڭىشىش خىزمىتى قائىدىسى» «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى» قاتارلىق تۈزۈم خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ماقۇللاپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشنى تۈزۈملەشكەن كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

كۈچ ئىتتىپاقلىقتىن كېلىدۇ، بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ. يېڭى بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش غايە ـ ئېتىقاد بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولىدىغان ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قەتئىيلىكنى ساقلاپ، جەسۇر قىياپەتنى نامايان قىلىپ، تىرىشىپ يېڭى، تېخىمۇ ئۇلۇغ غەلىبە ۋە شان ـ شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.