تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاياللار، بالىلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىمەن

ئەزا ۋاڭ لىشيا:

ئاياللار، بالىلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىمەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس ۋاڭ لىشيا سۇنماقچى بولغان تەكلىپلىرىگە ئاخىرقى قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزدى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈردى.

«ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى، ياخشى بولغان ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى دەۋر تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تېمىسى. بۇ يىل، مەن ئائىلە تەربىيەسىگە ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەكلىپلەرنى ئېلىپ كەلدىم» دېدى ۋاڭ لىشيا.

ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى ئەمەلىي ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىش، «گۈزەل ھويلا - ئاران» بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاياللار كۈچىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش... بۇلتۇردىن بۇيان، ۋاڭ لىشيا ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، كوچا باشقارمىسى، مەھەللە، ئېتىز باشلىرىدا خىزمەتنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى.

«تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنىڭ ئاساسىي ئۇسۇلى، پەقەت ھەقىقىي تۈردە سىرتقا چىققاندا، تۆۋەنگە چۈشكەندىلا، ئاندىن ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرگىلى، ھەقىقىي مەسىلىنى بايقىغىلى بولىدۇ» دېدى ۋاڭ لىشيا.

پۇختا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، ۋاڭ لىشيا «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى پائال ئالغا سىلجىتتى. بۇ ھەرىكەتتە شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش باش تېما، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيە، «ئانار گۈلىدەك ئېچىلىش، ئاياللار بىر نىيەتتە بولۇش» مەزمۇن قىلىنغان بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە 10 مىڭ ئايال پارتىيەگە يۈرەك سۆزىنى ئېيتىش، 10 مىڭ ئايال تەشۋىقاتچى ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، 10 مىڭ بالا يازلىق لاگېردا قول تۇتۇشۇپ قوشماقلىشىش، 10 مىڭ يۈرۈش كىتابنى دېھقان ئائىلىلىرىگە يەتكۈزۈش، 10 مىڭ ئائىلە شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش قاتارلىق پائالىيەتلەر كەڭ قانات يايدۇرۇلدى.

«پائالىيەت ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، لېكسىيە سۆزلەش نەق مەيدانىدا، ھەر مىللەت ئاچا - سىڭىللار پائال ھەمتۈرتكە بولۇپ، بەس - بەستە سەھنە ئالدىغا كېلىپ، تارتىنماي، قىزغىنلىق بىلەن ئۆزىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى نامايان قىلىپ، پارتىيەگە بولغان چەكسىز قىزغىن مۇھەببىتى ۋە مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. مەدەنىيەت كىشىلەر قەلبىنى چەكسىز ئوزۇقلاندۇرىدۇ، پائالىيەتنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى» دېدى ۋاڭ لىشيا.

1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئائىلە تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، ئائىلە تەربىيەسى ئەنئەنىۋى «ئائىلە ئىشى»دىن مۇھىم «دۆلەت ئىشى» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى.

«جەمئىيەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئائىلە تەربىيەسى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بىر قاتار جەمئىيەت مەسىلىلىرى گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. دۆلەتنىڭ ئائىلە تەربىيەسىنى قانۇنغا كىرگۈزگەنلىكىدىن، دۆلەتنىڭ ئائىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ» دېدى ۋاڭ لىشيا.

ۋاڭ لىشيا مۇنداق قارىدى: قانۇن چىقىرىشتىكى ئاساسىي مەقسەت ھەربىر ئائىلىنى ئائىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان قىلىش، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنىڭ ئورتاق ئالغا سىلجىتىشىغا موھتاج. ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئۈگىنىش، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك؛ كەسپىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، «ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ بىر گەۋدىلەشكەن» ھەمكارلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياخشى ئائىلە قۇرۇش، ياخشى ئائىلە تەربىيەسىنى ساقلاش، ياخشى ئائىلە ئىستىلى يېتىلدۈرۈشنى پەيدىنپەي جەمئىيەتتىكى ئورتاق تونۇشقا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

«مەن ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئىقتىدارىمنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئۆزۈمنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئۈچۈن ۋەزىپەمنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىش ۋەدەمنى ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن» دېدى ۋاڭ لىشيا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.