تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەۋقەنى خاس ئەۋزەللىككە قويۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ما شىڭرۇي ئاقسۇ ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

مەۋقەنى خاس ئەۋزەللىككە قويۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز بىرلىكتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

1 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاقسۇ ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ما شىڭرۇي كۆكيار خاتىرە سارىيىدا ئاقسۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

1 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاقسۇ ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ما شىڭرۇي قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى جۇڭگو - قازاقىستان خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىگە كېلىپ، خەلقئارا يولنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاقسۇ ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، پورت ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بىرلىكتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

كۆكيار چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، جەمئىي 1 مىليون مودىن ئارتۇق ئورمان بىنا قىلىندى. ما شىڭرۇي كۆكيار خاتىرە سارىيىغا كېلىپ، ئاقسۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «كۆكيار روھى»نى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بىلەن خاس باغ - ئورمانچىلىقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئونيار بازىرى بۇلۇكەي كەنتىدە ما شىڭرۇي ئەسلىي مەقسەتتە پارتىيەگە تەلپۈنۈش تەربىيەسى سارىيى، كەنت ئاھالە كومىتېتىغا كېلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: كەنتتىكى پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىسى مەمەتجان ئۆمەر «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشتى، ئۇ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرنى ئۈلگە قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئىلغارلاردىن ئۆگىنىپ، ئىلغارلىققا ئىنتىلىپ، تىرىشىپ ئىلغارلاردىن بولۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ بوشاشماي، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.

ما شىڭرۇي ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يېڭىبازار كوچا باشقارمىسى يېڭىبازار مەھەللىسى شياڭخېلى ئولتۇراق رايونىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىپ، كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مەھەللە شەھەر ئىدارە قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»، مەھەللە باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت تۈزۈلمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، «چوڭ سانلىق مەلۇمات» تېخنىكىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ مەھەللىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەربىر مەھەللىنى پۇقرالار خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان بەختلىك ماكانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتا، ما شىڭرۇي جۇڭگو - قازاقىستان خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى، قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەت تەرەققىيات رايونىغا بەرگەن تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، جانلىق پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان خەلقئارا يولنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، ما شىڭرۇي ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاقسۇ تېخنىكا شۆيۈەنى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى ۋە گوشېڭ چېماخې، جۇڭتەي خەيخۇڭ توقۇمىچىلىقى، شىڭفا خىمىيە سانائىتى، سەنيوۋ فۇشىن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىق كارخانىلارغا كېلىپ، كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى، كەسىپ ئىشچىلىرىنى تەييارلىق تۈزۈمى بويىچە تەربىيەلەش ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، يۈرۈشۈشى، مەھسۇلاتلارنى سېتىش، سېلىنمىنى كېڭەيتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى، جەزمەن ئورۇنداشقا تېگىشلىك قاتتىق ۋەزىپە. ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى مۇقىم كۆپەيتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، قاراتمىلىق ھالدا ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمچانلىقى چوڭ بولغان تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەت كەسىپلىرى، پۇقراۋى ئىگىلىك ۋە كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىش كېرەك. تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، بازارنى سىجىل كېڭەيتىپ، سۈپەت، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى پۇختىلىشى، كۈچەيتىشى، ئەلالاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتىن ئىبارەت ئىلمىي پوزىتسىيەدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، زاپاس كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىشنى مۇستەھكەملەپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش بىلەن بىللە، كەنت(مەھەللە) پارتىيە ياچېيكىلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، ئاممىنىڭ باشلامچىلىرىنى ياخشى تاللاپ، ھەر مىللەت ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش، جەمئىيەتتىكى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش، ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. پورتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە پورتنىڭ راۋان يۈرۈشۈشىنى ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاپ، پائال تۈردە قانۇنچىل پورت قۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق، ئاقىللاشقان پورت باشقۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، شەرقىي قىسىمدىن يۆتكەلگەن كەسىپلەرنى تېخىمۇ ياخشى قوبۇل قىلىپ، پورت ئىقتىسادىنىڭ «يول ئىقتىسادى»دىن «كەسىپ ئىقتىسادى»غا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن ئېكولوگىيە ساياھىتىنىڭ بىر - بىرىنى تولۇقلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قارلىق، مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيەلىك ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشات، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك. ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ھەقىقىي يىلتىز تارتقۇزۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇپ يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ، يېرىم - يارتا، يۈزەكى ئىشنى قەتئىي قىلماي، ساختىپەزلىك، سۆلەتۋازلىق ۋە قارىغۇلارچە ئىش قىلىشنى قەتئىي توسۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجرا قىلىشتا ئېغىپ كەتمەسلىك، ئۆزگىرىپ كەتمەسلىك، قېيىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جاڭ جۇ، ئېلزات ئەخمەتجان، ليۇ سۇشې، دوۋ ۋەنگۇي، چيۇ شۇخۇا قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.