تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسىتىمەن

ۋەكىل جوۋ لى:​

ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسىتىمەن

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىر

«بۇ بىر يىلدا، مەن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلدىم». 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، قىشلىق تەتىل بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى مالىيە - باج شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى جوۋ لى يەنىلا ئۆيىدىكى كۇتۇپخانىدا ئالدىراش ئىدى، كومپيۇتېر ئېكرانىدا، ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىنغا سۇنماقچى بولغان «يۆلەش خاراكتېرلىك سىياسەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ، سىياسەت ئارقىلىق تەمىنلەش، مەدەت بېرىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ» كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان مەزگىلدە، جوۋ لى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەتتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا ناھايىتى زور زەربە ئېلىپ كەلدى، بەزى كارخانىلار قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. جوۋ لى بۇنى كۆرۈپ، تىت - تىت بولدى.

شۇنىڭ بىلەن، ئۇ نەچچە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرگە بېرىپ، نەچچە پۇقراۋى كارخانا ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «يۇقۇم زەربىسى ئالدىدا ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ» قاتارلىق ئۈچ پارچە يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپنى تاماملاپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ئۈچۈن مەدەت بەردى ۋە كۈچ قوشتى.

«ھازىر، گەرچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئومۇمىي جەھەتتىن كونترول قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن يۇقۇم تەكرار يۈزبېرىش، تارقاق نۇقتىدا پارتلاش خەۋپ - خەتىرى ھەمدە تاشقى مۇھىتنىڭ ئېنىقسىزلىقى قاتارلىق ئامىللار گىرەلىشىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، تەرەققىي قىلىشى يەنىلا قىيىن بولدى». جوۋ لى مۇنداق دېدى: 2020 - يىلى 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايوندىكى سەككىز تارماق بىرلىكتە 40تۈرلۈك يۆلەش خاراكتېرلىك سىياسەت چىقىرىپ، كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. بۇ سىياسەتلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، باج - ھەق، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلدى، لېكىن كۆپ ساندىكى سىياسەتلەرنىڭ مۇددىتى 2020 - يىلىنىڭ يىل ئاخىرىدا توشۇپ، ئاز ساندىكى سىياسەتلەر 2021 - يىلىنىڭ يىل ئاخىرىغىچە داۋاملاشتى.

«تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ھەر خىل مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنى ياخشى قوغداش، ئۇلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك». جوۋ لى مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ كۆلىمى بىرقەدەر كىچىك بولغاچقا، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى، كۆلەملىك ئىقتىساد قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىك پايدىسىز ئەھۋاللار مەۋجۇت. شۇڭا، ئۇ بۇ يىل يۆلەش خاراكتېرلىك سىياسەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ تەكلىپ بەرمەكچى.

جوۋ لى مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان تۈرلۈك تەدبىرلەرنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ سالمىقىنى زورايتىش، كارخانىلارنىڭ باج - ھەق يۈكىنى يېنىكلىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ تىجارەت تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىش كېرەك. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئادىل، ئاشكارا، قانۇنچىل تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ، پۇل مۇئامىلە، مالىيە - باج مەدىتىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئېغىر ئۇچرىغان كەسىپلەرگە نۇقتىلىق مەدەت بېرىپ، پۇقراۋى ئىگىلىك، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

«مەن ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلىمەن، ئىشىنىمەنكى، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ». يېڭى بىر يىلغا نەزەر سالغىنىدا، جوۋ لى ئىشەنچكە تولدى.

جوۋ لى مۇنداق بىلدۈردى: ئالىي مەكتەپ مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىنى ئوقۇتۇش جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.