تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش كېرەك

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي قانۇن سىستېمىسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ھەم خىزمەت يىغىنى ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى​

شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ بىرلىكتە زىيارەت قىلدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي قانۇن سىستېمىسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم خىزمەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرىدىن جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ بىرلىكتە زىيارەت قىلدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتارلىق سىياسىي قانۇن ئورۇنلىرىغا كېلىپ، سىياسىي قانۇن سېپىدىكىلەر، بولۇپمۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان ھەر مىللەت كادىرلار، ساقچىلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي قانۇن سېپىدىكىلەرنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىستىلنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى؛ ئادىللىق، ھەققانىيلىقنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش خىزمىتىنىڭ جان تومۇرى ئىكەنلىكىنى، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش مېخانىزمى ۋە باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش، چەكلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىغا ھەربىر دېلونى بېجىرىش، ھەربىر ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا تىرىشىپ ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي قانۇن خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ ئۆتكەندىن كېيىن، ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىق يولى ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

بىرىنچىدىن، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇشى، دائىملاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، قانۇن بويىچە ئېغىر، زور خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرلەرگە تاقابىل تۇرۇش، ئېغىر، زور توسالغۇلارنى يېڭىش، ئېغىر، زور زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك. ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك قوللىنىپ، قانۇنچىللىقنىڭ يېتەكلەش، قېلىپلاشتۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك زىددىيەتلەرنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى سىناپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەم ھاياتىي كۈچكە تولۇشىغا ھەم تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، ياخشى قانۇن ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشىنى قوغداش كېرەك. شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئازاد قىلىش ۋە كۈچەيتىش، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئامما ئىنكاس قىلغان قانۇنغا ئاساسلانماسلىق، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلماسلىق، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى سۈرۈشتە قىلماسلىقتىن ئىبارەت گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ پىلانلاپ ۋە ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، پۈتۈن جەمئىيەتتە قانۇنچىللىق روھىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇنچىللىق قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەت ئىش بېجىرىشتە قانۇنغا ئاساسلىنىدىغان، مەسىلىگە يولۇققاندا قانۇننى ئىزدەيدىغان، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا قانۇندىن پايدىلىنىدىغان، زىددىيەتنى تۈگىتىشتە قانۇنغا تايىنىدىغان قانۇنچىللىق مۇھىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

بەشىنچىدىن، سىياسىي قانۇن سېپىدىكى كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا جەزمەن رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇپ، رەھبىرىي كادىرلار قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، سىياسىي قانۇن قوشۇنىنىڭ ئىنقىلابىيلىشىش، مۇنتىزىملىشىش، كەسىپلىشىش، كەسپىيلىشىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك، كەڭ كادىرلار، ساقچىلار قانۇنچىللىق روھىنى يۆلەنچۈك قىلىپ، قانۇننى بىلىدىغان، قانۇننى چۈشىنىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، قانۇننى قوغدايدىغان قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، پەقەت پاكىتقا بويسۇنۇپ، پەقەت قانۇنغا بويسۇنۇپ، خەلق ئاممىسىغا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنىڭ ئەتراپىدىلا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جاڭ جۇ، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، ياڭ فاسېن، قادېن كەبىن قاتارلىقلار زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.