شىنخۇا تورى خەۋىرى يېقىندا، توپ-توپ ياۋا ئۆردەك، ئاق قوتان قاتارلىق سۇ قۇشلىرى شىنجاڭ يەكەن ناھىيەسى يەكەن دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى، يەكەن دەرياسى بويىدا توختاپ ئارام ئېلىپ، بۇ يەردە ماكانلاشتى.
ھەممىلا يەردە كىچىك، چاققان سۇ قۇشلىرىنىڭ سۇ يۈزىدە سەكرەپ ئوينىشىۋاتقان مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىۋاتقان سۇ قۇشلىرى.
يەكەن دەرياسى پەسىل قۇشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ماكانلىشىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدى.