تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۆپ تەرەپ كۈچنى بىرىكتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى

سىياسەت قەلبلەرنى ئىللىتتى مەكتەپلەر غېمىنى يېدى كارخانىلار كۆڭۈل بۆلدى

كۆپ تەرەپ كۈچنى بىرىكتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بېي

«<كەسىپ تەرەققىياتى شىنجاڭدا> توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ئىش ئورنىغا يېتەكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئارقىلىق، رازى بولغۇدەك خىزمەت تاپتىم، كېلەر ئايدا رەسمىيلىشىمەن.» يېڭى بىر يىلغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، غۇلجا شەھىرىدىكى 2020 - يىلى داشۆنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى ما شىنيۆنىڭ خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش بولۇپ، ئۇنى قەۋەتلا خۇشال قىلىۋەتتى.

ھازىر، خىزمەت تېپىش تەسرەك مەزگىل بولسىمۇ، لېكىن ئاپتونوم رايوندىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، كارخانىلار ھەم مەھەللىلەر ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يەنىلا ئامالنىڭ بارىچە ياردەم بېرىپ، بۇ يىل قىشتا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى توپىنىڭ بالدۇرراق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم قىلدى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش ئىللىقلىق ئېلىپ كەلدى

«شياۋجاڭ، ياخشىمۇسىز، يېڭى خىزمىتىڭىز ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتامدۇ؟ قانداق قىيىنچىلىقىڭىز بار؟» 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئەتىگەندىلا، جاڭ مىن ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونلۇق (تۇدۇڭخابا رايونى) ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن قەشقەر غەربىي يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى شىڭ خۇادىن كەلگەن تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالدى.

جاڭ مىن شىنجاڭ داشۆ ئەشيا ئوبوروتىنى باشقۇرۇش كەسپى بويىچە شۇ يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى بولۇپ، داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن مۇۋاپىق خىزمەت تاپالمىغانىدى. «مەھەللە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مېنى ئىزدەپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئويۇمنىڭ بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، قىسقىچە تەرجىمىھالىمنى يېزىشىمغا ياردەملەشتى، يەنە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى، كەسىپ تاللاش يۆنىلىشى ھەمدە تەكلىپ قىلىش ئىمتىھان تەرتىپىنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈردى، ئاخىرىدا ماڭا ياردەملىشىپ تەۋەلىك رايونىدىكى بىر تېز يەتكۈزۈش شىركىتىدىن تىجارەت باشقۇرۇشقا دائىر خىزمەت تېپىپ بەردى» دېدى جاڭ مىن.

ئۈرۈمچى شەھىرى قەشقەر غەربىي يولى مەھەللىسى ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا «تىزىمغا ئالدۇرغان تۇنجى بېكەت مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى»نى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇشتا ھەقىقىي ئىسىم تىزىملىك دەپتىرى تۇرغۇزدى، بولۇپمۇ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئائىلىلەردىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەردىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇش پۈتكۈزگەن مېيىپ ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق كىشىلەر توپىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.

«تىزىمغا ئالدۇرغان تۇنجى بېكەت مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى» دېگەنلىك، مەھەللە، كەنتنى بىرلىك قىلغان، تېلېفون، ۋىيشىن، قىسقا ئۇچۇر، QQ قاتارلىقلار ئارقىلىق تەۋەلىك رايونىدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق قاپلىغان ئاساستا بىر - بىرلەپ ئالاقىلىشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىزدەش ئارزۇسىنى نۇقتىلىق ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى كۆرسىتىدۇ.

قەشقەر غەربىي يولى مەھەللىسىدە، جاڭ مىنغا ئوخشاش مەكتەپتىن ئايرىلغان داشۆنى پۈتكۈزگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچى «تىزىمغا ئالدۇرغان تۇنجى بېكەت مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى»دىن بەھرىمەن بولدى، داشۆنى پۈتكۈزگەن سەككىز ئوقۇغۇچى ئوڭۇشلۇق ھالدا خىزمەت تاپتى، بۇلار ئېلان تەشۋىقاتى، مەھەللە مۇلازىمىتى، سودا ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

شىڭ خۇا مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار يەنە نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ياكى دائىم تۇرۇشلۇق جايىدا «شىنجاڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى» ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسى، «شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت 12333» «شىنجاڭ ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت تورى» قاتارلىق مۇلازىمەت سۇپىلىرى ئارقىلىق، توردا ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا ئۆزىنىڭ خىزمەت ئىزدەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى تىزىملاتسا بولىدۇ.

سىياسەت پايدىسىنى قويۇپ بېرىشنىڭ سالمىقى زور بولدى

«ھۆرمەتلىك يۈزتۇرا ئىمتىھان ئالغۇچى، ياخشىمۇسىز، مەن شىنجاڭ داشۆنىڭ 2019 - يىللىق ئاسپىرانتى لى يىخەن، مەن جېڭدا گۇرۇھىنىڭ باشقۇرغۇچىلارنى تەربىيەلەش ئىش ئورنىغا يۈزتۇرا ئىمتىھان بەرمەكچى...» يېقىندا، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئىزچىل مۇۋاپىق ئىش ئورنى ئىزدەۋاتقان لى يىخەن ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرغان توردا خىزمەت ئىزدەش سۇپىسى ئارقىلىق توردا يۈزتۇرا ئىمتىھان بەردى، بۇ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا پۈتۈنلەي يېڭى سىناق بولدى.

«بۇ خىل شەكىلدە ئىمتىھان بېرىش ئارقىلىق ئىشەنچىم ئاشتى، يۈزتۇرا ئىمتىھاندا ئانچە جىددىيلەشمىدىم.» لى يىخەن مۇنداق دېدى: بىر كومپيۇتېر، بىر يان تېلېفون بىلەنلا يۈزتۇرا ئىمتىھان بېرىشنى تاماملىغىلى بولىدۇ، بۇ تەدرىجىي ھالدا كۆپلىگەن ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىشىدىكى دائىملىق ھالەتكە ئايلاندى.

ئۇچۇر سۇپىسى قۇرۇش، توردا ئىشقا قوبۇل قىلىش مەخسۇس رايونى تەسىس قىلىش، ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنى بىرلىشىپ ھەرىكەتلەندۈرۈش، بوشلۇق دەرسخانىسى ئېچىش، ھەقسىز دەرس ئۆتۈپ تەربىيەلەش، پىراكتىكا قىلىش بازىسى ئېچىش... شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر داشۆ ھويلىسىدىن ئەمدىلا چىققان ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى نۇرغۇن ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش مەزمۇنلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان تېخىمۇ كۆپ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم قىلدى.

يېقىندا، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى باش دوختۇرخانىسى ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ شۆبە دوختۇرخانىسىدا، ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسىغا قاتناشقان سو جۈنجيې خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئوپېراتسىيە سومكىسىنى تەقلەپ، دېزىنفېكسىيە قىلىپ، ئاندىن ھەرقايسى بۆلۈملەرگە يەتكۈزۈپ بەردى. سو جۈنجيې مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: پىراكتىكا مەزگىلىدە، نۇرغۇن بىلىم ۋە ماھارەت ئۆگىنىۋالدىم، ھەر ئايدا يەنە 2000 يۈەندىن ئارتۇق تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئالىمەن. «پىراكتىكا ۋاقتىم توشىدىغانغا يەنە يېرىم يىل قالدى، مەن تېخىمۇ تىرىشىپ، داۋالاش - پەرۋىش قىلىش ئىش ئورنىدا قېلىپ ئاغرىقلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى قولغا كەلتۈرىمەن» دېدى سو جۈنجيې.

ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ياردەم قىلىش ۋە يۆلەش سىياسىتىنى چىقارغاندىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چوڭ تىپتىكى كارخانىلارمۇ پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا بازىسى قۇرۇش، مەكتەپ بىلەن كارخانا بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، بىرگە بىر، دەل جايىدا ئىش ئورنى تونۇشتۇرۇش، ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى توردا پائال ئېلان قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق داشۆنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

شىنجاڭ خۇاتەي ئېغىر خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە قۇرۇلۇشى - ئادەم كۈچى باشقارمىسىنىڭ كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچىسى جيا جيا مۇنداق تونۇشتۇردى: كارخانا خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا، ئوقۇش پۈتكۈزگىنىگە ئىككى يىلغا يېقىن بولغان ۋە ئۇنىڭدىن ئاشقان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بېرىدۇ، بۇ، داشۆنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە كارخانىنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى.

ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى زىيارەت قىلىشتا سۈرئەت تېز بولدى

«مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە رەھبەرلەر ئۆزلىرى ئۆيۈمگە زىيارەتكە كېلىپ، مېنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىمغا كۆڭۈل بۆلدى» دېدى يېقىندا قەشقەر داشۆ فىزىكا ۋە ئېلېكتىرىك قۇرۇلۇشى شۆيۈەنىنىڭ 2021 - يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىسى ئۈمىدەم ئىلھام.

ئوقۇش پۈتكۈزۈپ يېرىم يىلغىچە، قەشقەر داشۆ «مەكتەپتىن ئايرىلسىمۇ كۆڭۈلدىن ئايرىماسلىق، مۇلازىمەتنى ئۈزۈپ قويماسلىق»تىن ئىبارەت ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، مەكتەپ رەھبەرلىرى، سىنىپ مۇدىرلىرى، يېتەكچىلەر قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن ئائىلە زىيارەت ئۆمىكى شۇ يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، قايتا زىيارەت قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئۈزلۈكسىز يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

«ئاقسۇ ئوقۇغۇچىلار مەنبەسى رايونىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى كۆپرەك ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش ئۈمىدىدە، قەشقەر داشۆ دەرھال بىز بىلەن ئۇدۇللاشتى.» ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى مەخمۇت ئەخەت مۇنداق دېدى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىر - بىرلەپ ئالاقىلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگەنگەن كەسىپ ئەھۋالىغا ئاساسەن، شۇ جايدىكى كارخانىلار بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ.

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تىزىملىك دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا «بىرگە بىر» ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ياردەم قىلىش ۋە يۆلەشنى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم قىلدى.

«كۆپ تەرەپ كۈچنى بىرىكتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشتە تېخىمۇ ئىشەنچكە، تېخىمۇ غەيرەتكە، تېخىمۇ نەتىجە - ئۈنۈمگە ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈردى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ 3 - دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى خوۋ شىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.