تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھايات - مامات گىرۋىكىدىكى قارشى يۆنىلىشتە يۈرگۈچى

شاڭ خۇڭكۇي:

ھايات - مامات گىرۋىكىدىكى قارشى يۆنىلىشتە يۈرگۈچى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

2021 - يىلى 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئاشخانىسىدا شاڭ خۇڭكۇي پىشۇرۇلغان تۇخۇمنى ئەمدىلا قولىغا ئېلىشىغا، يېنىدىكى خىزمەتدىشى ئۇنىڭغا چاققانلىق بىلەن سويۇپ بەردى. شاڭ خۇڭكۇي 500دىن ئارتۇق پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنى تازىلىغان، ئەمما بىر قېتىملىق پارتلاش سەۋەبىدىن ئوڭ قولى مېيىپ بولۇپ قالغانىدى، ئۇ ئۈمىدۋارلىق بىلەن مۇنداق دېدى: «سول قولۇمدا ئىشلارنى قىلالايمەن».

شاڭ خۇڭكۇي ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماق ئەترىتى جىنايى ئىشلار پەن - تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ جياۋداۋيۈەنى بولۇپ، 1999 - يىلى 8 - ئايدا جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقان، كۆپ قېتىم ھاياتىنىڭ خەۋپ - خەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي نەق مەيداننى تەكشۈرگەن ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى تازىلىغان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پارتلىتىشقا ئالاقىدار 100دىن ئارتۇق دېلونى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشىپ، جىنايەتكە زەربە بېرىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 2 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» دېگەن نام بېرىلگەن. شەرەپ بىلەن ئىككى قېتىم شەخسىي 2 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، ئالتە قېتىم شەخسىي 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن.

بۇ كەسىپنى تاللاپ ئۆكۈنمەسلىك

2014 - يىلىنىڭ بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، شاڭ خۇڭكۇي بۇيرۇققا بىنائەن 200 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر ناھىيە بازىرىغا بېرىپ، بىر قالدۇق پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنى بىر تەرەپ قىلدى. ئۇ پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنى تازىلاۋاتقاندا، تۇيۇقسىز پارتلاش يۈزبەردى. «شۇ چاغدىكى تۇيۇقسىز پارتلاشتا ئوڭ قولۇم قانغا بويالدى.» شاڭ خۇڭكۇي مۇنداق دېدى: ھوشۇمغا كەلگەندە دوختۇرخانىدا يېتىپتىمەن.

دىياگنوز نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، پارتلاشتا شاڭ خۇڭكۇينىڭ ئوڭ قولىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ كەتكەن، ئوتتۇرا بارمىقىنىڭ يېرىمى ئۈزۈلۈپ كەتكەن. سول تىزى يارىلانغان، ئىككى قۇلىقىنىڭ قۇلاق پەردىسى تېشىلگەن بولۇپ، ئاڭلاش ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغانىدى. «دەسلەپتە ئوڭ قولۇم بىلەن سول پۇتۇمنى كېسىۋەتمەكچى بولغانىدى، كېيىن ھەممىسى ساقلاپ قېلىندى» دېدى شاڭ خۇڭكۇي.

بەزىلەر: «بۇ كەسىپنى تاللىغانغا پۇشايمان قىلامسىز؟» دەپ سورىغاندا، شاڭ خۇڭكۇي مۇنداق دېدى: خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش مېنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىم، بۇ كەسىپنى تاللىغان ئىكەنمەن ئۆكۈنمەيمەن.

ھەر قېتىملىق ھەرىكەتتە ھايات - ماماتقا يۈزلىنىش

كەم سۆز، ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن، تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىنتىلىدۇ، بۇ، خىزمەتداشلارنىڭ شاڭ خۇڭكۇيگە بەرگەن باھاسى.

«نۇرغۇن پارتلىتىش قۇرۇلمىلىرىنى زوراۋان - تېررورچىلار ئۆزلىرى ياسىۋالغان بولۇپ، پارتلاتقۇچ دورا، قۇرۇلما قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قانۇنىيەتسىز ئورۇنلاشتۇرۇلغان، پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىدە قىلچە سەۋەنلىك كۆرۈلسە بولمايدۇ.» ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماق ئەترىتىنىڭ ساقچى ئىشلىرى تېخنىكىسى بويىچە 1 - دەرىجىلىك مەسئۇلى لى جيۇجېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شاڭ خۇڭكۇي ئۆگىنىشكە ئالاھىدە ھېرىسمەن، ئۇ كەسپىي كىتاب، ئەمەلىي دېلو مىسالى قاتارلىق تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق، پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنىڭ تۈزۈلۈشىنى ئەستايىدىل ئىگىلەپ، ئۆزى چۈشىنىۋالغاندىن كېيىن خىزمەتداشلىرىغا ئۆگىتىدۇ.

«پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنى تازىلىغاندا پارتلىتىش قۇرۇلمىسى بىلەن ناھايىتى يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىمىز، كۈچى زور پارتلىتىش قۇرۇلمىسىغا يولۇققاندا پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنى تازىلاشتا كىيىدىغان 30 نەچچە كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى كىيىمنى كىيسەكمۇ كار قىلمايدۇ.» شاڭ خۇڭكۇي مۇنداق دېدى: ھەر قېتىملىق ھەرىكەتتە ھايات - ماماتقا بىۋاسىتە يۈزلىنىمىز، يەڭسەك ئۆيگە تىنچ - ئامان قايتىپ بارالايمىز، يېڭىلسەك، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ھەر قېتىم پارتلىتىش قۇرۇلمىسىغا تەمكىن يۈزلىنىشىنىڭ ئارقىسىدا كۆپ يىل جاپالىق مەشىق قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بار.

2001 - يىلى بىر قېتىملىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىنى رازۋېدكا قىلغاندا، شاڭ خۇڭكۇي ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ ئۆيىدىن ئۇلار ئۆزلىرى ياسىۋالغان بىر قول بومبىسىنى تېپىپ چىقتى. قول بومبىسىدىن ئىبارەت پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى نەق مەيداندا تازىلاشقا ئامال بولمىغاچقا، شاڭ خۇڭكۇي قول بومبىسىنى ئاپتوموبىلغا ئېلىپ چىقىپ، يول بويى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قاراپ ئولتۇرۇپ، 40 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئىدارىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنلا، ئاندىن بۇ قول بومبىسىنى ئېھتىيات بىلەن بىخەتەر جايغا قويدى.

جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەردە «كەم بولماسلىق»

2014 - يىلى يارىلانغاندىن كېيىن، شاڭ خۇڭكۇينىڭ خىزمىتىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، ئاساسلىقى نەق مەيداننى چارلاپ تەكشۈرۈش ھەم خەت، بەلگىلەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە تېخنىكىلىق باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى.

گەرچە ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئىككى قولى بىلەن پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى تازىلىيالمىسىمۇ، ئەمما جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەردە شاڭ خۇڭكۇي ئەزەلدىن «كەم بولمىدى». بىر قېتىم، تەۋەلىك رايوننىڭ مەلۇم يېرىدىكى بازاردا بىر گۇمانلىق بۇيۇم بايقالغاندا، شاڭ خۇڭكۇي تەشەببۇسكارلىق بىلەن بېرىشنى ئىلتىماس قىلىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا شاگىرتىنى ئېلىپ نەق مەيدانغا بېرىپ چارلاپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. ئۇ گۇمانلىق بۇيۇمنىڭ ئەھۋالىنى بېكىتكەندىن كېيىن، شاگىرتى ئاندىن ئالدىغا ئۆتۈپ مەشغۇلات قىلىپ، ۋەزىپىنى بىخەتەر تاماملىدى.

خىزمەت ۋەزىپىسى ئېغىر بولغاچقا، شاڭ خۇڭكۇينىڭ خوتۇن - بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ۋاقتى ناھايىتى ئاز ئىدى. دادىسىنىڭ تەسىرىدە، 2015 - يىلى شاڭ خۇڭكۇينىڭ ئوغلى شاڭ رۇي داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن قەتئىيلىك بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى كەسپىنى تاللاپ خەلق ساقچىسى بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.