تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ ماركسىزملىق پارتىيە خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئىلغار ماركسىزملىق پارتىيە تۇغما پەيدا بولغان ئەمەس، بەلكى ئۆزى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىنقىلاب قىلىش داۋامىدا تاۋلىنىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. «بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىدا 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە، پارتىيەنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتقانلىقى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى.» ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى تەھلىل قىلىش ۋە خۇلاسىلەش داۋامىدا ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىغا سىڭدۈرۈلگەن بىر مۇھىم مەزمۇن، بىز چوقۇم چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك».

باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن پەزىلىتى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى پارتىيەنىڭ ياشلىق ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاپ قېلىشىدىكى قۇدرەتلىك تىرەك. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدە، پارتىيە ئىدىيە جەھەتتىن پارتىيە قۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش پىرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئېسىل ئىستىلدا چىڭ تۇرۇپ، بىرلىك سەپ، قوراللىق كۈرەش، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئەڭگۈشتەرنى شەكىللەندۈرۈپ، تىرىشىپ پۈتۈن مەملىكەت دائىرىلىك، كەڭ ئاممىۋى خاراكتېرگە ئىگە بولغان، ئىدىيە جەھەتتە، سىياسىي جەھەتتە، تەشكىلىي جەھەتتە مۇتلەق مۇستەھكەم بولغان ماركسىزملىق پارتىيەنى قۇردى؛ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش مەزگىلىدە، پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدا پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم، زور تېمىلارنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىدىيە جەھەتتە، تەشكىلىي جەھەتتە، ئىستىل جەھەتتە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى مۇستەھكەملەپ، «ئىككى جەزمەن»دە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ چىرىكلىشىشى، سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن يۈكسەك ھوشيار بولۇپ ھەم كۈچەپ ئالدىنى ئېلىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالىدى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى مەزگىلىدە، پارتىيە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئىدىيە ساپ بولماسلىق، ئىستىل ساپ بولماسلىق، تەشكىلات ساپ بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، چىرىكلىكنى رەت قىلىپ، ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ۋە ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىدە، پارتىيە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلدى. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسى شۇنى تولۇق بىلدۈردىكى، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغلۇقى خاتالىق ئۆتكۈزمىگەنلىكىدە بولماستىن، بەلكى ئەزەلدىن كېسىلىنى يوشۇرمىغانلىقى، داۋالىنىشتىن باش تارتمىغانلىقىدا، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى پائال قانات يايدۇرغانلىقىدا، دادىللىق بىلەن مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلەنگەنلىكىدە، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلغانلىقىدا. دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر كۆرسەتكەندەك: «100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى كەينى - كەينىدىن قولغا كەلتۈرۈپ، جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر ۋە توسالغۇلارنى بىر - بىرلەپ يېڭىپ، نۇرغۇنلىغان تاۋلىنىشنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا غەيرەت - شىجائىتىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرۇشى، خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشىشىدىكى سەۋەب، پارتىيەمىزنىڭ جاسارەت بىلەن ئۆزىدە ساقلانغان مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، باشتىن - ئاخىر ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاپ، ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ماركسىزملىق پارتىيە خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىغانلىقىدا».

بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى كېرەك، جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە، ئاچقۇچ پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، «تۆت چوڭ سىناق» كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان، مۇرەككەپلىشىۋاتقان، «تۆت خىل خەۋپ» تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىۋاتقان، گەۋدىلىنىۋاتقان ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەت ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىسلىسىز جاسارەت ۋە ئىرادە بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنىڭ بىر يۈرۈش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ئاتتى. پارتىيە مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى تۇتۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگىچە سىڭدۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان ئىستىل مەسىلىسىدىن باشلاپ تۇتۇپ، پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتىن قۇرۇش بىلەن پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا ئوخشاش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزام قانۇندىن چىڭ بولۇش، ئىنتىزام ئىجراسى بىلەن قانۇن ئىجراسىنى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان قىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇردى. قەتئىي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ سىياسىي يېتەكچىلىك ۋە سىياسىي كاپالەتلىك رولى تولۇق جارى قىلىندى، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، پارتىيەنى باشقۇرۇش - ئىدارە قىلىش كەڭ، بوش، يۇمشاق بولۇش ئەھۋالى تۈپتىن ئۆزگەردى، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشتە مۇتلەق غەلىبە قولغا كەلدى ھەمدە ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەندى، پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدا ساقلانغان ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپ تۈگىتىلدى، پارتىيە ئىنقىلابىي تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ كۈچەيدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، بىز پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ئامىللارنى ئۈزلۈكسىز تازىلاپ، پارتىيەنىڭ ساغلام ئورگانىزمىنى چىرىتىدىغان بارلىق ۋىرۇسلارنى ئۈزلۈكسىز تازىلىساقلا، چوقۇم پارتىيەنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە، خىسلىتىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە، خاراكتېرىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي مۇساپىدە باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يېڭى تارىخىي شارائىتتا، پارتىيەنىڭ ماركسىزملىق پارتىيە خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشىدا، ئاچقۇچلۇقى پارتىيەمىز يەنىلا ئۆزىگە تايىنىشى كېرەك.» پارتىيەمىزنىڭ تارىخى شۇنچە ئۇزاق، كۆلىمى شۇنچە چوڭ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋاقتى شۇنچە ئۇزاق، قانداق قىلغاندا تىنچلىق - قالايمىقانچىلىق، گۈللىنىش - خارابلىشىشتىن ئىبارەت تارىخىي دەۋرىيلىكتىن سەكرەپ چىقالايدۇ؟ يولداش ماۋ زېدۇڭ يەنئەندىكى گەمىدە بىرىنچى جاۋابنى بەردى، ئۇ بولسىمۇ «پەقەت خەلق ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلغاندىلا، ھۆكۈمەت ئاندىن بوشاڭلىق قىلىشقا پېتىنالمايدۇ.» 100 يىللىق كۈرەش، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى يېڭى ئەمەلىيەت ئارقىلىق، پارتىيەمىز يەنە ئىككىنچى جاۋابنى بەردى، بۇ بولسىمۇ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش. پەقەت دادىللىق بىلەن پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، دادىللىق بىلەن كەسكىن تەدبىر قوللانغاندىلا، ئۆزى باشتىن - ئاخىر قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتۈپ، باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئاۋانگارتى، مىللەتنىڭ تۈۋرۈكىگە ئايلىنالايدۇ، باشتىن - ئاخىر ماركسىزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەگە ئايلىنالايدۇ. «شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمىگەندىلا، جاھان تەبىئىيلا ئادىل بولىدۇ.» پارتىيەمىزنىڭ ئۆزىنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە مەنپەئىتى يوق، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلىشىنىڭ جاسارەت مەنبەسى، ئاساسى. كىم ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، كىم ئۈچۈن ھوقۇق ئىشلىتىش، كىمنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىدە، بىزنىڭ كاللىمىز ئالاھىدە سەگەك بولۇشى، مەيدانىمىز ئالاھىدە قەتئىي بولۇشى كېرەك. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنىڭ ھەممىسى يۈكسەك ئەخلاقنى تونۇپ، ئومۇمىي ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، شەخسىي ئەخلاقنى چىڭىتىپ، پاك ئادەم بولۇشى، پاكىز ئىش قىلىشى، ئۆز نەپسىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پاك - دۇرۇس بولۇشتەك سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك. ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا، ئاچقۇچلۇقى مەسىلىگە توغرا قارايدىغان ئاڭلىقلىق ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان جاسارەت بولۇشى، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى مەڭگۈ ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك، قاتتىق بولۇش چېكىگە يەتتى دەيدىغان بىزارلىق كەيپىياتى پەيدا بولسا قەتئىي بولمايدۇ. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، بىر دەقىقىمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، تاشقا، تۆمۈرگە ئىز قالدۇرغۇدەك قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭنى داۋاملىق ياخشى قىلىش كېرەك.

2022 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىز پەقەت باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىمىز ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلساقلا، ئاندىن تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.» يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە، ئۈزۈل - كېسىل بولغان ئىنقىلاب روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق يېڭى، ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك ئىقتىدارى، ئاممىنى تەشكىللەش ئىقتىدارى، جەمئىيەتكە قارىتا چاقىرىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتسەك، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى يۈكلەنگەن پاراخوت چوقۇم دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، شانلىق قىرغاققا قاراپ توختىماي غەلىبىلىك يۈرۈش قىلالايدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.