تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى تۈركۈم چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا مەملىكەت سىرتى ئامبارلىرىنىڭ ماللىرى چېگرادىن چىقتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، بىر تۈركۈم 46 مىڭ دانە مەملىكەت سىرتى ئامبارلىرىنىڭ ئېكسپورت تاۋارلىرى تورغات پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىرىلغان، بۇ تاۋارلار ۋېنگىرىيەنىڭ بۇداپېشتتىكى مەملىكەت سىرتى ئامبىرىغا توشۇلۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ھەم تەقسىملەپ يەتكۈزۈش تاماملىنىدىكەن. بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى تۈركۈم چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورت مەملىكەت سىرتى ئامبارلىرى (تاموژنا نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ۋاكالەت نومۇرى 9810) ئەندىزىسى بويىچە ئېكسپورت قىلىشقا ئىلتىماس قىلىنغان چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ماللىرى ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ تۈركۈم ماللارنىڭ ھەممىسىنى جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق سودا دۇكاندارلىرى خەلقئارا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق ياۋروپاغا ساتقان تاۋارلار، ئومۇمىي قىممىتى 1 مىليون 500 يۈەن بولۇپ، كىيىم ـ كېچەك، زىبۇ ـ زىننەت بۇيۇملىرى، ئويۇنچۇق، بايراملىق زىننەت بۇيۇملىرى، كىچىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق تاۋارلارغا چېتىلىدۇ. 1 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، بۇ بىر تۈركۈم تاۋارلار قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا تاموژنىغا مەلۇم قىلىنىپ ماڭدۇرۇلدى.

قەشقەردىكى مەلۇم سودا شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چېن زىخاۋ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ تۈركۈم ماللارنىڭ 15 كۈن ئەتراپىدا بۇداپېشتقا يېتىپ بېرىشى مۆلچەرلەندى. شىركىتىمىز ئەنگلىيە، بېلگىيە، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنى تىرىشىپ كېڭەيتمەكتە، بۇ يىل قىممىتى 1 مىليارد يۈەن ئەتراپىدىكى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورت ماللىرىنى ماڭدۇرۇشنى پىلانلىدۇق.

2021 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنىدىن باشلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىنغاندىن بۇيان، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا ھازىر چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پارچە سېتىش ئېكسپورتى (9610)، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا باجدىن خالىي ئېكسپورتى (1210)، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنىڭ كارخانىلارغا بولغان ئېكسپورتى (9710) ۋە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورتى مەملىكەت سىرتى ئامبارلىرى (9810)دىن ئىبارەت تۆت خىل چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورت ئەندىزىسى جايىدا ئەمەلىيلەشتى.

قەشقەر تاموژنىسى ئەشيا ئوبوروتىنى نازارەت قىلىش ـ كونترول قىلىش باشقارمىسى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش 1 ـ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى ياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ماللارنى تاموژنىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قەشقەر تاموژنىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كارخانىلارغا چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا مەملىكەت سىرتى ئامبارلىرى ئەندىزىسى سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، كەسپىي تايانچلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كارخانىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىش ئامىللىرىغا ئاساسەن تۇنجى قېتىم ئىلتىماس قىلىشنى تاماملىشىغا «بىرگە بىر» يېتەكچىلىك قىلىپ، تاموژنا خادىملىرىنى كەسىپ نەق مەيدانىدا 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كارخانىلارغا پۈتۈن كۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئىلتىماس قىلىش، تەكشۈرۈش، ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ھەرقايسى كەسىپ ھالقىلىرىنى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. قەشقەر تاموژنىسى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنى قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا ماكانلىشىپ كەسىپ ئېچىشقا جەلپ قىلىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىغا ئائىت تۈرلۈك يانداش سىياسەت ۋە يېڭى سىياسەتلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى تېزلىتىپ، قەشقەرنىڭ ئوچۇق ئىقتىساد تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قوزغايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.