تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

گوۋۇيۈەن «<14 - بەش يىل>لىق رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىيات يىرىك پىلانى»نى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى گوۋۇيۈەن يېقىندا «<14 - بەش يىل>لىق رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىيات يىرىك پىلانى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىك پىلان» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى يېتەكچى ئىدىيە، ئاساسىي پىرىنسىپ، تەرەققىيات نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ۋە كاپالەت تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

«يىرىك پىلان»دا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارانى بىرتۇتاش پىلانلاش، سانلىق مەلۇماتنى ئاچقۇچلۇق مۇھىم ئامىل، رەقەم تېخنىكىسى بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، رەقەمنى كەسىپلەشتۈرۈش ۋە كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە كۈچ قوشۇش، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى يېتىلدۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، رەقەملىك جۇڭگو بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«يىرىك پىلان»دا «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەش، يۇغۇرما تەرەققىي قىلىش، قوللىنىش - يېتەكلەش، سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق كۈچ قوشۇش، ئادىل رىقابەتلىشىش، بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇش، سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىش، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 2025 - يىلىغا بارغاندا، رەقەملىك ئىقتىساد يادرولۇق كەسىپلىرى قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %10كە يەتكۈزۈلۈپ، سانلىق مەلۇمات مۇھىم ئامىللىرى بازىرى سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلىپ، كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، رەقەمنى كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، رەقەملەشكەن ئاممىۋى مۇلازىمەت تېخىمۇ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، باراۋەر بولۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. 2035 - يىلىغا نەزەر سالساق، بىرلىككە كەلگەن، ئادىل، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىدىغان، پىشىپ يېتىلگەن، مۇكەممەل بولغان رەقەملىك ئىقتىساد زامانىۋى بازار سىستېمىسى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈلۈپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى دۇنيادا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

«يىرىك پىلان»دا سەككىز جەھەتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بىرىنچى، رەقەملىك ئۇل ئەسلىھەلەر ئەلالاشتۇرۇلۇپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇچۇر تورى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش تېزلىتىلىدۇ، بۇلۇت بىلەن تورنىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە ھېسابلاش بىلەن تورنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئالغا سىلجىتىلىدۇ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىدۇ. ئىككىنچى، سانلىق مەلۇمات مۇھىم ئامىللىرىنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلىدۇ. يۇقىرى سۈپەتلىك سانلىق مەلۇمات مۇھىم ئامىللىرى بىلەن تەمىنلەش كۈچەيتىلىپ، سانلىق مەلۇمات مۇھىم ئامىللىرىنى بازارلاشتۇرۇپ ئوبوروت قىلىش تېزلىتىلىپ، سانلىق مەلۇمات مۇھىم ئامىللىرىدىن ئېچىپ پايدىلىنىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىلىدۇ. ئۈچىنچى، كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىدۇ. كارخانىلارنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېزلىتىلىپ، نۇقتىلىق كەسىپ، كەسىپلەر باغچە رايونى ۋە توپلارنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ، تىرەك بولۇش مۇلازىمىتى ئېكولوگىيەسى يېتىلدۈرۈلىدۇ. تۆتىنچى، رەقەمنى كەسىپلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش تېزلىتىلىدۇ. ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچەيتىلىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە يېتىلدۈرۈش تېزلىتىلىپ، گۈللەنگەن، تەرتىپلىك يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىنىدۇ. بەشىنچى، ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ رەقەملىشىش سەۋىيەسى سىجىل ئۆستۈرۈلىدۇ. «ئالاقە تورى+ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى»نىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، جەمئىيەت مۇلازىمىتىنى رەقەملەشتۈرۈشنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، رەقەملىك شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنىدۇ. ئالتىنچى، رەقەملىك ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ماس ئىدارە قىلىش ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مېخانىزمى كۈچەيتىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلۇپ، كۆپ مەنبەلىك ئورتاق ئىدارە قىلىش يېڭى ئەندىزىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. يەتتىنچى، رەقەملىك ئىقتىساد بىخەتەرلىك سىستېمىسى تېخىمۇ كۈچەيتىلىدۇ. تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلۇپ، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدى ئېلىنىدۇ. سەككىزىنچى، رەقەملىك ئىقتىساد خەلقئارا ھەمكارلىقى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىلىدۇ. سودىنى رەقەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش تېزلىتىلىپ، «رەقەملىك يىپەك يولى»نىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، ياخشى بولغان خەلقئارا ھەمكارلىق مۇھىتى بەرپا قىلىنىدۇ. سەككىز چوڭ ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، «يىرىك پىلان»دا ئۇچۇر تورى، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق 11 مەخسۇس تۈر قۇرۇلۇشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

«يىرىك پىلان»دا بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىش، مەبلەغ بىلەن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ئومۇمىي خەلقنىڭ رەقەم ساپاسى ۋە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىشنى يولغا قويۇش، كۆزىتىپ ئۆلچەش، باھالاشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىن يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.