تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتايلى

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

100 يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلەر كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، 100 يىللىق تەجرىبىلەر كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، پارتىيەنىڭ 3 - تارىخىي قارارى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. بۇ بىر شانلىق ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى.

ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەت ۋە مەركىزىي ۋەزىپىنى توغرا ئىگىلەش، ئىستراتېگىيە، تاكتىكا مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىش، پارتىيەنىڭ ماركسىزملىق پارتىيە خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشتىن ئىبارەت بەش مەسىلىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئىگىلەپ ۋە تەتبىقلاپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، نەزەر دائىرە كەڭ، ئىچكى خاس مەزمۇن مول، ئىدىيە چوڭقۇر بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىۋىلىققا، نەزەرىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە، بۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى خۇلاسىلەش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخى بويىچە تەربىيەلەش، پارتىيە تارىخىنى تەشۋىق قىلىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تارىخىي ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، بىرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈرەش قىلىش روھىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە سەپەرۋەر قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ ئۇلۇغ غەلىبە ۋە شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

بىر مىللەت دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشتا، نەزەرىيە تەپەككۇرى بىر دەقىقىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. ئىدىيە يېتەكچىلىكى بىر دەقىقىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى، بۇ تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزمنىڭ يارايدىغانلىقىدىن بولغان. ماركسىزمنىڭ يارايدىغانلىقىدىكى سەۋەب، پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتقانلىقى ھەم بۇ ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلغانلىقىدا.» بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىدا، 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە پارتىيەنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتقانلىقى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، «نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش» پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى ئون تۈرلۈك تارىخىي تەجرىبىلەرنىڭ بىرى قىلىپ يىغىنچاقلاندى. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى تەھلىل قىلىش، تەتقىق قىلىش ۋە خۇلاسىلەشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئومۇمىي يىغىن قارارىغا سىڭدۈرۈلگەن بىر مۇھىم مەزمۇن. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى قايتا ئەسلىسەك، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدە، پارتىيەمىز ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنى ياراتتى، بۇ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى تۇنجى قېتىملىق تارىخىي ھالقىش؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى مەزگىلىدە، پارتىيەمىز دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنى يارىتىپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىدە، پارتىيەمىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يارىتىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. پارتىيەمىزنىڭ تارىخى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش تارىخى، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيە يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش تارىخى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ماركسىزم جۇڭگونى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى، جۇڭگومۇ ماركسىزمنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە بېيىتتى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بۇ يىللار پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە، ئىنتايىن ئالاھىدە يىل بولدى. پارتىيە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، مۇھىتنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە كەسكىنلىكى، زىممىسىگە ئالغان ۋەزىپىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە مۈشكۈللۈكى دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدۇ، تارىختا ئاز كۆرۈلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركسىزمچى سىياسىيونلارغا، ئىستراتېگىيەچىلەرگە خاس جاسارەت ۋە پاراسەت بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى چوڭ ۋەزىيىتىنى پىلانلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىنماقچى بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان بىرمۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقىرىلماقچى بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىغان بىرمۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ۋە ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرىپ، يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، قانداق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش كېرەك، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەتنى قانداق قۇرۇش كېرەك، قانداق ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش كېرەك، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيەنى قانداق قۇرۇش كېرەك قاتارلىق مۇھىم، زور دەۋر تېمىلىرى ھەققىدە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا دائىر بىر قاتار ئىجادىي يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇ − شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىسى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىدا پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى «سەككىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش» ئاساسىدا، «ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش» ئارقىلىق شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى يەنىمۇ يىغىنچاقلاندى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشىدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەب باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو روھىنىڭ دەۋرىمىزدىكى جەۋھىرى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى. پارتىيە يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى تىكلىدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تىكلىدى، بۇ، يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.

ماركسىزم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، بۇ بىزنىڭ دۇنيانى تونۇشىمىز، قانۇنىيەتنى ئىگىلىشىمىز، ھەقىقەتكە ئىنتىلىشىمىز، دۇنيانى ئۆزگەرتىشىمىزدىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ماركسىزم نەزەرىيەسى دوگما ئەمەس، بەلكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، جەزمەن ئەمەلىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىشى كېرەك. شۇنى جەزمەن چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، ماركسىزمنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا رولىنى جارى قىلدۇرۇش - قىلدۇرالماسلىقىدىكى ئاچقۇچ ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈش - بىرلەشتۈرەلمەسلىكتە. زامانىمىزدىكى جۇڭگو ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك ھەم ئۆزگىچە بولغان ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئېغىر، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار كۆپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىنىقى زور بولۇش مىسلىسىز، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشى مىسلىسىز بولۇپ، جىددىي جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت تېمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز دەۋر چوڭ يۈزلىنىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە باتۇرلۇق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلاپ، رېئال ئېھتىياجغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش بىلەن ماركسىزمنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ماركسىزم «ئوقى» ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى جۇڭگودىن ئىبارەت «نىشان»نى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشىمىز كېرەك.

بېسىپ ئۆتكەن كۈرەش يولىنى قايتا ئەسلىسەك، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ھەر قېتىملىق ئىزدىنىش، ھەر قېتىملىق ئوڭۇشسىزلىق، ھەر قېتىملىق يول ئېچىش داۋامىدا جۇڭگودىكى باشقا تۈرلۈك سىياسىي كۈچلەرنىڭ ئورۇندىشى مۇمكىن بولمىغان مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىيالىشىدىكى تۈپ سەۋەب ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرغانلىقىدا، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرغانلىقىدا، ئەمەلىيەتنىڭ ھەقىقەتنى سىنايدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرغانلىقىدا، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەۋرنىڭ سوئالى، خەلقنىڭ سوئالىغا ۋاقتىدا جاۋاب بېرىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئۇلۇغ ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلغانلىقىدا. يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىشتا، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇل ئارقىلىق دەۋرنى كۆزىتىپ، دەۋرنى ئىگىلەپ، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمىنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە ھەقىقەت كۈچىنى جۇڭگو زېمىنىدا نامايان قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.