خەلق تورى خەۋىرى يېقىندا، نەچچە ئون مىڭ پەسىل قۇشى ئەنخۇي ئۆلكىسى زۇڭياڭ ناھىيەسىگە جايلاشقان سەيزىخۇ كۆلى سۇلۇق يېرىگە ئۇچۇپ كەلدى، ئۇلار بەزىدە سۇدا ئوينىسا، بەزىدە قانات قېقىپ پەرۋاز قىلاتتى.
ئىگىلىنىشىچە، سەيزىخۇ كۆلى سۇلۇق يېرى دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي قىسىم رايونىدىكى مۇھىم بولغان ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونى بولۇپ، خەلقئارادىكى پەسىل قۇشلىرىنىڭ مۇھىم كۆچىدىغان ۋە قىشلايدىغان جايى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاڭجياڭ دەرياسىدا بېلىق تۇتۇشنىڭ ئون يىل چەكلىنىشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنىڭ ياخشىلىنىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ پەسىل قۇشى بۇ يەردە قىشلاشنى تاللاپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل يۆگىمە رەسىمنى نامايان قىلدى.
(چېن خاۋ، ۋۇ باۋگو)