تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىنچ ـ ئامانلىق قۇرۇلۇشىنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈش

− تىنچ ـ ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى بويىچە ئىلغار شەخس، ئاقچى ناھىيەسى ئاقچى بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياڭ فېڭ توغرىسىدا

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا

2021-يىلى 12 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، ئاقچى ناھىيەسىنىڭ ئاقچى بازىرى ئۇچ كەنتىدە يېڭىدىن تىجارەت باشلىغان مەنزىرە نۇقتىسى «كۆچمەن چارۋىچىلار قەبىلىسى» نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان مەززىلىك تائاملار، شادىيانە ناخشا ـ ئۇسسۇللار... ساياھەتچىلەرنى چەكسىز شادلىققا چۆمدۈردى.

قاينام ـ تاشقىنلىققا تولغان «كۆچمەن چارۋىچىلار قەبىلىسى» ئاقچى بازىرىنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپى تەرەققىياتىنىڭ كارتىنىسى. تىنچ ـ ئامانلىق بولمىسا، تەرەققىيات بولمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقچى بازىرى خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىشنى تۈپ ئۆلچەم قىلىپ، تىنچ ـ ئامانلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن بازار ئىقتىسادىنىڭ تېز، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا پۇختا ئاساس سالدى. بۇ نەتىجىلەر پۈتۈن بازاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ، شۇنداقلا ئاقچى بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياڭ فېڭنىڭ ئەجىر سىڭدۈرۈشى ۋە ئۆزىنى بېغىشلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

ياڭ فېڭ ئىلگىرى قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىسى بولۇپ، 2011 ـ يىلى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن تىنچ ـ ئامانلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە رىشتە باغلىدى. ئون يىلدىن بۇيان، ئۇ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئاقچى ناھىيەسىدىكى نۇرغۇن يېزا ـ بازاردا ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ ئىشلەپ، تىنچ ـ ئامانلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە مول تەجرىبىلەرنى توپلىدى.

2013 ـ يىلى 5 ـ ئايدىن 2020 ـ يىلى 11 ـ ئايغىچە، ياڭ فېڭ ئاقچى ناھىيەسىنىڭ ساپارباي يېزىسىدا خىزمەت قىلدى. بۇ يېزا 2018 ـ يىلى «ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر تىنچ ـ ئامان يېزا ـ بازار (كوچا باشقارمىسى)» بولۇپ باھالاندى، بۇنىڭدا ئۇنىڭمۇ بىر كىشىلىك تۆھپىسى بار.

2018 ـ يىلى، تەۋەلىكتىكى ئاممىنىڭ تىنچ ـ ئامانلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە ئالاقىدار ئىشلارنى بىلىش نىسبىتى، تىنچ ـ ئامانلىق قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش نىسبىتى، تىنچ ـ ئامانلىق قۇرۇلۇشىدىن رازى بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ياڭ فېڭ ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئاممىغا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئوغرىدىن ساقلىنىش، ئالدامچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئاساسىي بىخەتەرلىك ساۋاتلىرىنى تەشۋىق قىلدى.

ساپارباي يېزىسى تەۋەلىكىدىكى رايونلارنىڭ %90ى ئېگىز تاغ ۋە تىك چوققىلار ئىدى، ئېگىز تاغ، تىك قىيالار، جىلغىلار بىر ـ بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، جاپالىق تەبىئىي شارائىت ئائىلىلەرگە كىرىپ لېكسىيە سۆزلەشكە بەلگىلىك قىيىنچىلىق تۇغدۇرغانىدى. ئەينى چاغدا، 40 نەچچە ئائىلىلىك چارۋىچى تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە چارۋا باقاتتى، ياڭ فېڭ ۋە خىزمەتداشلىرى ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، يەنە ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ئات مىنىپ، چارۋىچىلىق رايونىغا ئاخىر يېتىپ كەلدى. تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى چارۋىچىلىق رايونىدا، ياڭ فېڭ ۋە خىزمەتداشلىرى كىگىز ئۆيلەرگە بىرمۇبىر كىرىپ تىنچ ـ ئامانلىق قۇرۇلۇشى بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى ھەم چارۋىچىلارغا زۆرۈر تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، چارۋىچىلارنىڭ تىنچ ـ ئامانلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە قاتنىشىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى ئاشۇردى.

2020 ـ يىلى 11 ـ ئايدا، ياڭ فېڭ ئاقچى بازىرىغا يۆتكىلىپ، ۋەزىپىگە تەيىنلەندى. بۇ بازار قىرغىزىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان بولۇپ، سىرتقا تۇتىشىدىغان ئۈچ تاغ ئېغىزى بار ئىدى. سادىق، ئىشەنچلىك، تەربىيەلەنگەن، ساپالىق، ئىلمىي، كارغا كېلىدىغان چېگرا قوغدىغۇچىلار قوشۇنى قۇرۇش چېگرانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ياڭ فېڭ چېگرا لىنىيەسىگە چوڭقۇر چۆكۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چارلاش ـ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، چېگرا قوغدىغۇچىلاردىن ھال سورىدى، تاغ ـ داۋانلاردىن ئېشىش، دەريالارنى كېچىش، قۇرۇق نان يېيىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىش ئىدى.

2021 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ياڭ فېڭ چارلاش ـ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقاندا، بىر بۆلەك تاغ يولىدىن ئاتنى يېتىلەپ پىيادە ئۆتۈشكە توغرا كەلدى، يولدا كېتىۋاتقاندا تاغدىكى تاش تۇيۇقسىز بوشاپ سىيرىلىپ چۈشۈپ، ياڭ فېڭنىڭ ئېتىنى ئۈركۈتۈۋەتتى، ئۇ چۇلۋۇرغا باغلىنىپ قېلىپ تىك ياردىن چۈشۈپ كەتكىلى قىل قالدى. ياڭ فېڭ قايرىلىپ كەتكەن ئوڭ پۇتىنى سۆرەپ چىداپ تۇرۇپ، بارلىق ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىلىرىنى ئايلىنىپ بولدى.

ياڭ فېڭ ئاقچى بازىرىغا كېلىپ ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىن، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، قىلچە بوشاشمايدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن تىنچ ـ ئامانلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ئۇنىڭ يان تېلېفونى 24 سائەت ئوچۇق بولۇپ، يان تېلېفون نومۇرىنى پۈتۈن بازاردىكى ئاممىغا ئاشكارىلىغانىدى؛ ئۇ تەۋەلىكتىكى ھەربىر كەنت، مەھەللە، چارۋىچىلىق رايونى، مەكتەپ ۋە كارخانىنى ئايلىنىپ چىقىپ، ئاممىنىڭ پىكىر ـ تەكلىپلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، توپلاپ، تىنچ ـ ئامانلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭدۈردى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئاقچى بازىرىنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇپ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشتى. بۇنىڭدىن ياڭ فېڭ ئىنتايىن روھلاندى، «مەن تىنچ ـ ئامان جۇڭگو، تىنچ ـ ئامان شىنجاڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىمەن» دېدى ئۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.